"قۇتلۇق بولسۇن ئۇيغۇرلار، قۇتلۇق بولسۇن رابىيە ئانا!" ناملىق ئوچۇق خەت ھەققىدە سۆھبەت


2007.06.22

Rabiye_kitapb-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم، قۇتلۇقلاشقا كەلگەن مىھمانلارغا تولغان، كىتاۋىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمىدە. Photo by UAA

ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى فرانكفورد شۆبىسىنىڭ رەئىسى، ياش تەتقىقاتچى، يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتى، جەمئىيەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر خەتنىڭ مۇئەللىپى - كۆرەش ئاتاخان بىلەن ئۇ يازغان "قۇتلۇق بولسۇن ئۇيغۇرلار، قۇتلۇق بولسۇن رابىيە ئانا!" ناملىق ئوچۇق خەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ كۆرەش ئاتاخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.