گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2007.06.26
6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھرىدە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى، قۇرۇلتاي باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىلەر يېتەكچىلىكىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى رابىيە قادىر خانىمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يەنىمۇ قوللاشقا چاقىردى.
قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر جامائىتىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك نەتىجىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ غەرب سىياسىي سەھنىسىدە زور تېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ گېرمانىيىنى لەرزىگە سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
گېرمانىيىدىكى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىدى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ چاقىرىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.(ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "قۇتلۇق بولسۇن ئۇيغۇرلار، قۇتلۇق بولسۇن رابىيە ئانا!" ناملىق ئوچۇق خەت ھەققىدە سۆھبەت
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن، دولقۇن ئەيسا سۆھبەتتە
- رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمى توغرىسىدا
- ئامېرىكىنىڭ تەنقىدى توغرا بولغاچقا، خىتاي ئۇنى دۆلەت ئىچىدە خەلقتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ
- رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن بولغان تارىخى خاراكتېرلىق ئۇچرۇشۇشنى تۈگۈتۈپ ئامېرىكىغا قايتتى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغى - دۇنيانىڭ كۆزىدە
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلدى
- رابىيە خانىم دۇنيادىكى 8 نەپەر ئەركىنلىك كۈرەشچىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى
- ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغالدى