ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2005 - يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن دۇنيادا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچى
ئانالىزچىلار تەرىپىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قايتا - قايتا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، دەپ قارالغان بولسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا كوڭگرېسىدە ۋە گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، گوللاندىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغانلىقى، ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقى توغرۇلۇق مۇراجەتلەر ئېلان قىلغانلىقى، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا كىرگەنلىكى دەپ باھالانغان ئىدى.
گېرمانىيە، د ئۇ ق نى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى تەبرىكلىگەن
2006 - يىلى 11 - ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك د ئۇ ق دا رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندا، گېرمانىيە پرېزىدېنتى ھورست كۆھلېر ۋە باش مىنىستىر ئانجېلا مەركىل تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تەبرىك تېلگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بارلىق ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدەرىلىكىنى بىردەك ئىتىراپ قىلغان.
2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى بار" دەپ قارىلانغان رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ 30 دىن ئارتۇق تارماق تەشكىلاتىنىڭ 50 نەپەر ۋەكىلى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا كىرىپ، ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى پارلامېنت ئىچىگە قادىدى. دالاي لامانىڭ كىرىشى قوبۇل كۆرۈلمىگەن ياۋرۇپا پارلامېنتىدا رابىيە قادىر خانىم بىر كۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى. ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلەر قۇردى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى 2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، رابىيە قادىر خانىم چېختا ئۆتكۈزۈلگەن "دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك" يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئەپەندىنىڭ قوبۇلىغا ۋە مەدھىيىسىگە ئېرىشتى. بۇ يەرگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەركىنلىك بايراقدارلىرى يىغىلغان ئىدى.
2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىگە كېلىپ، "گۈلدۈرماما "ناملىق تەرجىمىھال ئەسىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى گېرمانىيىدە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى.
"يەنە 10 ياكى 20 يىلدا بېسىشنى مۆلچەرلىگەن مۇساپىنى، رابىيە قادىر خانىم ئىككى يىلدا باستى"
د ئۇ ق باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى يۇقارقى ھادىسىلەرگە باھا بېرىپ، "مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەرەققىيات مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. بىز يەنە 10 ياكى 20 يىلدا بېسىشنى مۆلچەرلىگەن مۇساپىنى، رابىيە قادىر خانىم ئىككى يىلدا باستى" دېيىشتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زارىنى ئاڭلىتىش باسقۇچىدىن، ئۇلارنىڭ دەردىنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى.
دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەۋسىيە قارارى قوبۇل قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا كوڭگرېسى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا رەسمى يوسۇندا كۈن تەرتىپكە قويۇلغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى شۇنداقلا ب د ت سىياسىي مۇنبىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىنىشى مۈمكىنلىكىنى، بۇنىڭغا قارشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى چەككەن يەنە بىر مەسىلە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مەتبۇئاتلارنىڭ نەزىرىگە ئۇلاشقانلىقى ۋە جىددىي خەۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى بولغان. مەيلى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدە بولسۇن ياكى ياۋرۇپا ئاخبارات ساھەسىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇيغۇرلار ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن ھەتتا تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپىيىپ كەتكەن.
چەتئەللىك ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى بەس - بەستە قانات يايدۇرماقتا
تېخىمۇ دىققەتنى چېكىدىغىنى، دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىن بەكرەك، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەللىك ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى بەس - بەستە قانات يايدۇرماقتا.
دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ خىل جىددىي - دىققەت ئېتىبارىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارالىق قىززىق تېما ھالىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار تەقدىرىدە غايەت زور ئۆزگۈرۈش ياسايدىغانلىقىنى كەسكىن تەكىتلەشمەكتە ئانالىزچىلار.(ئەكرەم)