رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى


2007.10.01

MIT-rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم MIT ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سەھنىسىدە. UAA Photo

ئەنگلىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۈشەنبە كۈنى لوندوندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئەنگىلىيە تىبەت دوستلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەركەزلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ، يىغىن قاتانشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياستىنى تونۇشتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە 2008‏-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەنگىلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ كۆپ تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم شۇنداقلا دۈشەنبە كۈنى، 1‏- ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئەنگىلىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەرىپىدىن لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئويۇشتۇرۇلغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.