
ئەنگلىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۈشەنبە كۈنى لوندوندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئەنگىلىيە تىبەت دوستلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەركەزلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ، يىغىن قاتانشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياستىنى تونۇشتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەنگىلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ كۆپ تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم شۇنداقلا دۈشەنبە كۈنى، 1- ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئەنگىلىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەرىپىدىن لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئويۇشتۇرۇلغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان. (ئۆمەر قانات)