رابىيە قادىر خانىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

2007-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Rabiye-amnesty-100.jpg
رابىيە قادىر خانىم خەلىقئارا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇنبىرىدە سۆزدە. AFP Photo

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ زىيارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياستىنى تونۇشتۇرماقتا.

بۈگۈن 10 - ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى، رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئويۇشتۇرغان يىغىندا، ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. رابىيە خانىم ئۇلاردىن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىنمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت