رابىيە قادىر خانىم راي سىناشتا نوبېل نامزاتلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك نامزات
2006.09.14
2006- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى ئېلان قىلىش كۈنى يېقىنلاشقانسىرى، بۇ شەرەپلىك مۇكاپاتنىڭ بۇ يىل كىمگە ياكى كىملەرگە نېسىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك خەۋەرلەر چىقماقتا ھەمدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇندىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى راي سىناشلار ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەردىن 2006- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا كىمنى ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا.
نورۋېگىيىنىڭ ئاناتارا ئاگېنتلىقى، مەركىزى نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا تىنچلىق ئىنىستىتۇتى ۋە ئاۋسترالىيىدىكى سىنتربىت توربېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئاچە مىللىي ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى يۇدھويونو، ئاچە مىللىي ھەرىكىتى بىلەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچى رول ئوينىغان نورۋىگېيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاستىھارى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسىيە پارلامېنتنىڭ ئەزاسى ئانالىي ئەنەكسون خانىم تەرىپىدىن بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن. ئەنەكسون نوبېل كومىتېتىغا ئەۋەتكەن خېتىدە رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ تەۋرەنمەس قوغدىغۇچىسى دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرستىلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلەشكە كېچىكمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. چىن گاڭ ، رابىيە قادىرنى شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق بىر نامزات ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
لېكىن خەلقئارا تەتقىقات مەركەزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە بولۇش ئېھتماللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۈچىنچى نامزات قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ئىنستېتوتى ۋە ئاۋسترالىيە توربېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، 2006 - يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار ئارىسىدا ئورۇن ئالغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈردى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى
- رابىيە قادىر خانىم كېلەر يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن