رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى
2006.09.18
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدا ھاياجان قوزغىدى
ئۆتكەن شەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى قازاقىستاندىكى بىر قىسىم تەشكىلات ئەزالىرىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەركىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدە يىغىن تەشكىللىدى.
قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، رابىيە خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چەكسىز ھاياجانغا سالغان.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم راي سىناشتا نوبېل نامزاتلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك نامزات
- شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈردى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى