رابىيە قادىر خانىم نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

0:00 / 0:00

2006 ‏- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلىش دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي باشلىنىدۇ. نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بولسا 13- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، نوبىل تىنچلىق مۇكاپتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمدۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە كۈچ ئاتا قىلدى، شۇڭا ئۇيغۇرلار تۆت كۆزى بىلەن رابىيە قادىرنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى كۈتمەكتە.

رابىيە قادىر خانىم، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى يەنە بىر قېتىم قوبۇل قىلدى.