رابىيە خانىمنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئانالىيې ئىناكسون خانىمنى زىيارەت


2006.10.09
Annelie-Enochson.jpg
شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى Annelie-Enochson خانىم. image courtesy: http://www.annelie.kristdemokrat.se/

ئانالىيې ئىناكسون خانىم شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇۋاتقان، رابىيە قادىر خانىمنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسەتكەن پارلامېنت ئەزاسىدۇر. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سايالامدا قايتا سايلىنىپ پارلامېنتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈردى. ئۇ سايلامدىن كىيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋە رابىيە قادىر ئۈچۈن ئىشلەيدىغان يەنە 4 يىل ۋاقىتنىڭ قولغا كەلگەنلىكىدىن ناھايتى خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ 6 - ئۆكتەبىر كۈنى يەنە بىر قېتىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى.

سىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالدىڭىز؟

مىنىڭ بىر يېقىنىم بولىدىغان ئۇ ماڭا ئېۋا ئىسىملىك بىر ئايالنى تونۇشتۇردى. ئېۋا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەن. ئۇ سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغىمۇ بىر قانچە قېتىم بارغان ئىكەن. ئېۋا ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ۋە سىياسىي تەقدىرىنىڭ ناھايتى ناچار ھالەتتە تۇرۇۋاتاقنلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن شۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماتېرىياللار كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئادالەتسىز بىر مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىر ئېتنىك خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

ئۇيغۇر مەسىلىسى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قانچىلىك تونۇشلۇق؟

شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە. مەن ھەر يىلى دېگۈدەك پارلامېنتقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرىمەن ۋە تەكلىپ لاھىيىلەرنى سۇنۇپ تۇرىمەن. ئۇيغۇرلار بىر ئېتنىك خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ئادىتىنى ۋە ياشاش شەكلىنى قوغداپ قېلىش ھوقۇقى بار. مەن دوكلات ۋە تەكلىپ لاھىيىلىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇش كېلىۋاتقان سىياسى ئازاپ –ئوقۇبەتلەرنى ئىپادىلەشكە كۆپرەك تىرىشىمەن. مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۋېتسىيە پارلامېنتىغا سىياسىي ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرۇش ناھايتى مۇھىم.

ھازىرغىچە شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر قانۇن لاھىيىسى ماقۇللىنىپ باقتىمۇ؟

ياق تېخى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئەھۋاللار بولىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئېتنىك خەلقلەرنىڭ ئۆز ھەق- ھوقۇقلىرى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە زور خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. ھازىر شۋېتسىيە پارلامېنتىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاۋازلار خېلىلا كۆپ، بۇ ئاۋازلار قانچە كۈچەيگەنچە يېڭى بىر نەتىجىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى تەبىئىي.

سىز رابىيە قادىرنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن رابىيە قادىرنى بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپتىغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارامسىز؟

بۇنى پەرەز قىلماق قىيىن، ئەمما بۇ يىل ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ كىلەر يىلى ياكى ئۇندىن كېيىنكى يىلى ئېرىشىدىغانلىقى چوقۇم. مەن رابىيە قادىرنى تونۇشتۇرۇش خىزمىتىمنى ھەرگىز توختاتمايمەن. بۇ يەردە مۇھىم بىر مەسىلە بار رابىيە قادىر كىم، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلدى، ئۇنىڭ خەلقى بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىسمەتلەرگە دۇش كېلىۋاتىدۇ دېگەندەك مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ. رابىيە قادىرنىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىش، ئۇنى دۇنياغا داڭلىق قىلىپ تونۇتۇش ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەردۇر.

رابىيە قادىرنى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىڭىزگە قارىتا شۋېتسىيە خەلقى ئارىسىدا قانداق ئىنكاسلار بولىۋاتىدۇ؟

شۋېتسىيە خەلقى ئالدى بىلەن رابىيە قادىرنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىلىشى كېرەك.. رابىيە قادىر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ناھايتى تۇنۇش، ئەمما شۋېتسىيە خەلقى ۋە دۇنيا خەلقى رابىيە قادىرنى ئۆز خەلقى بىلگەندەك بىلمەيدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ داڭلىق سىياسەتچى بولىشى ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى.

سىز رابىيە قادىرنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرەر ئىنكاس ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق ئىنكاسقا دۇش كەلسىڭىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانداق جاۋاپ بەرگەن بولاتتىڭىز؟

مەن تېخى ئۇنداق بىر ئىنكاسنى ئاڭلىمىدىم. رابىيە قادىر ئۆز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئارزۇ –ئارمانلىرى ئۈچۈن تۈرمىدە ياتتى. ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان ئىشلىرى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ زوراۋانلىق قىلغۇچىلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق –ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تىنچلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ئايال، ئۇ بۇ يولدا جازالىنىشتىن ھەتتا تۈرمىگە كىرىشتىنمۇ قورقمىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇش ئەڭ توغرا جاۋاپ بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

شۋېتسىيە يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا يېڭى بىر بۇرۇلۇش ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارامسىز؟

بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇرۇنقىغا قارىغاندا باشقىچە سىياسەت قوللىنىشى تەبىئىي، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتور بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.