خىتاي، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرمەسلىك ھەققىدە نورۋېگىيىگە تەھدىت سالماقتا


2006.09.22
rabiya-sidiq-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم ئالتە يىلغا يېقىن تۇرمە ھاياتىدىن كېيىن، 2005 – يىلى 17 – مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى رېگان ئايرودرومىدا يولدىشى سىدىق ھاجى بىلەن. RFA

بۈگۈن نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان "كەچلىك پوچتا" گېزىتىدە "جوڭگۇ نورۋېگىيىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ" دېگەن تېمىدا كەڭ ھەجىملىك ماقالە بېسىلدى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەپتىدە نورۋېگىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۇي "ئەگەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى رابىيە قادىرغا بېرىلسە بۇ جۇڭگو نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ" دېيىش ئارقىلىق، بۇ مۇكاپاتنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرمەسلىك ھەققىدە نورۋېگىيە تەرەپكە ئوچۇقتىن-ئوچۇق تەھدىت سالغان.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى: خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى يولسىزلىق

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، نورۋېگىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Raymond Johansen سوز قىلىپ: "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كىمگە بېرىلىشىگە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە زىيارەتتە بولىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىمىزگە بېسىم قىلىشى ئىنتايىن نامۇۋاپىق بىر ئىش ۋە تامامەن يولسىزلىق، مۇكاپاتى كىمگە بېرىشنى نوبېل كومىتېتى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، ھۆكۈمىتىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىدۇ" دېگەن.

ماقالىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ نورۋېگىيىگە بۇنداق بېسىم قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ "جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتى، نورۋېگىيە پارلامېنتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قىستاپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى رابىيە قادىرغا بېرىلىشىنى توسۇپ قېلىشتىن ئىبارەت. رابىيە قادىر بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدا ئەپ بارغان كۈرەشلىرى بەدىلىگە نورۋېگىيە رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى، ئەمدىلىكتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ داڭلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە"، دېيىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىھسىدا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۇي سۆز قىلىپ: "نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ 1989 – يىلى دالائى لاماغا بېرىلگىنى ناھايتى يامان بولغان، بۇ قېتىم رابىيە قادىرغا بېرىلىدىغان بولسا بۇ تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇ ھالدا نورۋېگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ " دېگەن.

پارلامېنت ئەزاسى: خىتاينىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى بەك تەسكە توختايدىكەن

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ 1989 – يىلى دالائى لاماغا بېرىلگىنى ناھايتى يامان بولغان، بۇ قېتىم رابىيە قادىرغا بېرىلىدىغان بولسا بۇ تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇ ھالدا نورۋېگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتاي دائىرلىرىنىڭ بىر قانچە كۈنلۈك ئۇچۇرۇشۇش ۋە سۆھبەتلىرىدە خىتاي تەرەپنىڭ ئاساسى سۆز تېمىسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ھەققىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلغان ۋەكىللەردىن بىرى، نورۋېگىيە ئوڭچىلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى Erna Solberg خانىم گېزىت مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى ئېيتقان:

"قارىغاندا بېيجىڭدىكىلەرنىڭ بىزگە دېمەكچى بولغان بىردىن – بىر مۇھىم سوزى مۇشۇ بولسا كېرەك، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ نوبېل كومىتېتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بۇ نۇقتىنى چۈشىنىش بەك تەسكە توختايدىكەن".

ماقالىگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي تەرەپكە، نورۋېگىيىنىڭ دۆلەت ۋە پارلامېنت سېستىمىسى ۋە شۇنىڭدەك نوبېل كومىتېتىنىڭ مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىش پرىنسىپلىرىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرلىرى يەنىلا "نوبېل كومىتېتى ئەزالىرىنى نورۋېگىيە پارلامېنتى تەيىنلەيدىكەن، ئۇنداق بولغاندىكىن، پارلامېنت نوبېل كومىتېتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ " دېگەن يولسىز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالغان.

نوبېل كومىتېتى: بىرەر ھۆكۈمەتنىڭ ئاچچىقلىنىشى بىزنىڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشىمىزغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بىرەر ھۆكۈمەتنىڭ ئاچچىقلىنىشى بىزنىڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشىمىزغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى Olav Akselsen بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ: "گەرچە جۇڭگو دائىرلىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادرىغا بەرمەسلىك ھەققىدە بىزنى ئوچۇق ئاغاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىز بۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەيمىز. چۈنكى بىز ئۇلارغا دۆلەت سىستېمىمىزنى، قانۇن-پرىنسىپلىرىمىزنى ياخشى چۈشەندۈردۇق، ئەگەر ئۇلار بۇنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىسا ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان بىر كىشىگە بېرىلىشىنى خالىمىسا، بۇنىڭ بىز بىلەن ھىچ ئالاقىسى يوق" دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە نىسبەتەن نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ماقالىنىڭ ئاخىردا نوبېل كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى Geir Lundesat نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن:

"جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كىمگە بېرىلىشى ھەققىدە ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس. 1989 – يىلى دالائى لاماغا مۇكاپات بېرىلىش ۋاقتىدا ۋە 1999 - يىلى ئىككى نەپەر خەنزۇ دېموكراتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندىمۇ شۇنداق بولغان. بىزنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپات ساھىبىنى تاللاش خىزمىتىمىز جىددى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىرەر ھۆكۈمەتنىڭ ئاچچىقلىنىشى بىزنىڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشىمىزغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

رافتو فوندى: ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ئىنكاسىدىن مەن بەك رازى بولدۇم

بۇندىن باشقا نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngård ئەپەندى خىتاي دائىرلىرىنىڭ نورۋېگىيىگە قىلغان بېسىملىرىغا قارىتا ئوز نارازىلىقىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى:

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ھۇجۇم قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق مۇكاپاتى ئىشىغا ئارىلاشقان بولسا بۇ ناھايىتى قوپاللىق، ناھايىتى مەدەنىيەتسىزلىك، قاراپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدىغان ئىشلارغا قوپاللىق بىلەن قارشى چىققانلىق.

"جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق قائىدىلىرى ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت پرىنسىپلىرىغا تامامەن خىلاپ. نورۋېگىيە دېموكراتىك دۆلەت، شۇڭا بۇ دۆلەتتىكى ھەرقانداق كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تامامەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ئادالەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئوز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بارىدۇ، ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى سىياسى پارتىيىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. بۇ نوقتىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق ۋە كەسكىن قىلىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىگاھا تۇتقان بۇ خىل ناتوغرا پوزىتسىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ بۇنداق بېسىملارغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ئىنكاسىدىن مەن بەك رازى بولدۇم".

رابىيە خانىم: خىتاينىڭ قىلىۋاتنى ناھايىتى قوپاللىق، ناھايىتى مەدەنىيەتسىزلىك

بىز ئاخىردا يەنە بۇ ھەقتىكى ئىناكسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق:

"خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ خەلقىمنى توختىماي تۇتۇش، باستۇرۇش، سولاش ۋە ئېتنىك تازىلاش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، مائارىپىنى يوقىتىش، بالىلىرىنىئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە ئۆزلىرىگە يات بولغان يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان چىققىنىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تىنچلىق بىلەن، ئۆزەمنىڭ ئاۋازى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇقتۇردۇم. ئۇ تەشكىلاتلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى، ئەھۋالىنى مەن بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا ئاڭلاتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلاتماي، قاراڭغۇلۇقتا تۈگىتىۋەتمەكچى ئىدى. لېكىن دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىگ ئۇنداق قىلىشىغا يول بەرمىدى. بولۇپمۇ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى شۇنداقلا رافتو فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتا – قايتا تەلەپ قويدى ۋە ئارىلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى يەر شارىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىش ستراتېگىيىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماي، بۇ خەلقنىڭ ئاھۇ – زارىنى دۇنيانىڭ بىلىپ قىلىشىنى يېپىق قازاننى يېپىق ھالەتتە يوقىتىۋەتكمەكچى ئىدى. بىراق مېنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىم، دۇنياغا تونۇلۇپ قېلىشىم ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ھۇجۇم قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق مۇكاپاتى ئىشىغا ئارىلاشقان بولسا بۇ ناھايىتى قوپاللىق، ناھايىتى مەدەنىيەتسىزلىك، قاراپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدىغان ئىشلارغا قوپاللىق بىلەن قارشى چىققانلىق، دەپ قارايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.