نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
2005.10.16
15-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرگېن شۆبىسىنىڭ شۇنداقلا نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي قىسىم بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا رابىيە قادىر ۋە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم رەھبەرلەر سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ نورۋىگىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن تاييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىدىكى پائالىيىتىنى باشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيىدىكى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى
- رابىيە قادىر دانىيىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان
- رابىيە قادىر دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە خانىمنىڭ ياۋرۇپا سەپىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا