0:00 / 0:00
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە يولدىشى سىدىق ھاجى بىلەن بىرگە 28 – ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كېلىپ ، بۇ دۆلەتتىكى 9 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوسلو ئايرودرومىغا چىقىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نورۋېگىيىدە ساياھەتتە بولىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.