رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا


2006.10.31

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇقى بايراقدارى رابىيە قادىر خانىم سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلماقتا. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئالدىنقى كۈنى مەخسۇس كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، رابىيە قادىرنى كۈتۈۋالدى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى سەپىرىدە نورۋېگىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلماقتا. بۇ ئۇنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنى 2 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. 1 - قېتىم ئۇ بۇ دۆلەتنى 2005 - يىلى 10 - ئايدا زىيارەت قىلغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، نورۋېگىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەتتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.