رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى يىغىن ۋە مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
2006.11.03

2 - نويابىردىن باشلاپ نورۋېگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىدە رافتو فوندى جەمئىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرلەش مۇراسىمى ۋە بۇ يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تېمىسى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان تۈرلۇك يىغىن، ئۇچرىشىش ۋە خاتىرلەش پائالىيىتى ئەپ بېرىلىشقا باشلىدى.
بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بېرگىن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ خىل پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىلىرى ۋە سياسىي ئاكتىپلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
رابىيە قادىر خانىم 2 - نويابىر كەچقۇرۇن رافتو فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ۋە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق شىرىن ئەبادىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر رافتو مۇكاپاتى ساھىبلىرى شۇنىڭدەك نورۋېگىيە ئىچى ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۇلارغا ئوز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش تەكلىپىنى قويدى. شۇ كۈنى رابىيە قادىر خانىم يەنە نورۋېگىيە دۆلەتلىك ئىككىنچى تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نورۋېگىيىلىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى.
3-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقان 6 سائەت داۋاملاشقان چوڭ يىغىن ئوتكۇزۇلدى.بۇ يىغىننىڭ 2-قىسمى "تەررورزىمغا قارشى كۈرەش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش كۆرىشىمۇ؟" دېگەن تېمىغا بېغىشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىغى يىغىننىڭ مۇھىم كۇن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. رابىيە قادىر خانىم 2001 -يىلى يۈز بەرگەن 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا "تەررورىست" قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە تېررورىست نامى بىلەن باستۇرۇشنى جىددىلەشتۇرگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلار ۋە باشقا يىغىن قاتناشچىلىرىنڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى "تېررورىست تەشكىلات " ۋە 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى دۇنياغا "تېررورىست" دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاينىڭ بۇ خىل تۆھمەتلىرىگە ئىشەنمىگەنلىگىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇلاردىن باشقا رابىيە قادىر خانىم يەنە پاكىت سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەلى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئە|ننىڭ 1994 - يىلى 9 - ئايدا ئۆز ئاغزى بىلەن "بىز 8 ئاي ئىچىدە 55 نەپەر تېررورىستنى ئۆلتۈردۇق" دېگەن سۆزىنى تىلغا ئالدى. ئاخىردا رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز ئۇيغۇر لارغا قارىتىلغان باستۇرۇشى يالغۇز ئۇيغۇر ئەلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتكەنلىكىنى، جۈملىدىن "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى" ئىچىدىكى دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسى ئاكتىپلارنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىملەرنى تۇزۇپ، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۇم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېنىق پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىم نورۋېگىيىگە قىلغان زىيارەت پائالىيىتى ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا قويغان خىتايدا 2008 -يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى نورۋېگىيە مەتبۇئات ساھەسى ۋە كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كۆڭۈل بولىدىغان ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ھازىرغىچە "كەچلىك گېزىت" نى ئوز ئىچىگە ئالغان بەش گېزىت ۋە ئىككى تېلېۋىزىيە قانىلى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كەڭ ھەجىملىك ماقالە ۋە پروگراممىلارنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- نورۋېگىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئاساسى تېما قىلىنغان بالىلار رەسىملىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى
- رافتو فوندى جەمئىيىتى باشلىقى Arne Lyngård: "بۇ بىزنىڭمۇ ئارزۇيىمىز ئىدى"
- نورۋېگىيە "رافتو فوندى جەمئىيىتى" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە
- رافتو مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- ياۋروپا سەپىرىدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت
- رابىيە قادىر ياۋروپادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى
- رابىيە قادىر خانىم بېلگىيە كېڭەش پالاتىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى