رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيىدىكى زىيارەت پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى


2006.11.07
rabiye-norway-2003.jpg
رابىيە قادىر خانىم يولدىشى سىدىق ھاجى روزى (سول) نورۋېگىيىلىك تەرجىمان تايىر ئەپەندى (ئوتتۇرا) بىلەن بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا. RFA/ئابدۇسەمەت

نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھرىدە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 4-، 5 - نويابىر (شەنبە، يەكشەنبە) كۈنلىرى يەنە بىر قاتار يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، بۇ يەردىكى نورۋېگىيىلىك ۋە چەتئەللىك مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاڭلاتتى.

كىتاب تارقىتىلىش مۇئاراسىمى

4-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بەرگىن شەھەرلىك مەركىزى كىتابخانىدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆسمۈر بالىلار تەرىپىدىن سىزىلغان، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئاساسى تېما قىلىنغان "بۇ دۇنيا ھەم گۈزەل ھەم نەپرەتلىك" ناملىق بالىلار رەسىملىرى توپلىمىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ كىتابقا رابىيە قادىر خانىم كىرىش سوز يېزىپ بەرگەن ۋە كىتابنىڭ تېكىست قىسمى ئۇيغۇرچە، نورۋېگىيىچە ۋە ئىنگلىزچە ئۇچ خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاھىدە باغلىنىشىلى بار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن رابىيە قادىر خانىم كىتابقا ئىمزا قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. ئىمزا قويۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن رابىيە قادىر خانىم كىتابخانىغا توپلانغان، كىتابتىكى رەسىملەرنى سىزغان بالىلار ۋە باشقا نورۋېگىيىلىكلەرگە سوز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى.

rabiye-norway-200-2.jpg

ئاندىن كېيىن كىتاب سېتىۋالغۇچىلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالدىغا بىر – بىر لەپ كېلىپ ئىمزا قويدۇردى ۋە رەخمەت ئېيتتى. كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن 11 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۆسمۈر دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن بىرگە كېلىپ رابىيە قادىر خانىمغا ئۆزىنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نېمىسلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گېرمانىيىدە ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمە كەچۈرمىشلىرىنى چوڭ ئانىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىنتايىن ئازابلانغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بۇ ئۆسمۈر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمممۇ ئۆزىنى تۇتالماي ياش تۆكتى.

كىتابقا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. كىشلەر ئىمزا قويدۇرۇش داۋامىدا رابىيە قادىر خانىمغا قايتا-قايتا رەخمەتلەر ئېيتتى، خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشۈشتى.

ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرى

كىتابقا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر ھەمراھى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن بىرگە بۇ يىللىق رافتو فوندى كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ۋېيتناملىق بۇددا راھىبى، كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى Thich Quang Do غا بېرىلگەن بولۇپ، ۋيېتنام ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بەرگىن شەھىرىگە كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا يول قويمىغان، ئۇ ھازىر ئوز ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىدا ياشىماقتىكەن.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بەرگىن شەھىرىدىكى چوڭ كونسېرت زالىدا رافتو فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كونسېرت ئۆتكۈزۈلدى. كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن رافتو فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن كىشلىك ھوقۇق ھەققىدە تەييارلانغان "خىتابنامە" ئېلان قىلىندى. ئاندىن كېيىن 20 يىلدىن بەرى رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىمنى ئوز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر كىشلىك ھوقۇق جەڭچىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرى چوڭ ئېكران ئارقىلىق كونسېرت زالىغا يىغىلغان 3000 گە يېقىن كىشىگە بىر بىرلەپ كۆرسىتىلدى. كونسېرتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن رابىيە قادىر خانىم ۋە بۇ قېتىم بەرگىڭە كەلگەن باشقا 10 نەپەر كىشى سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ تاماشىبىنلارنىڭ ھۆرمەت سالىمىنى قوبۇل قىلدى.

كونسېرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رافتو فوندى جەمئىيىتى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخسلەرگە خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىممۇ، رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىغا رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېلى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەتنىڭ "مۇقام" ناملىق رەسىمىنى خاتىرە ئۈچۈن رافتو فوندى جەمئىيىتىگە تەقدىم قىلدى.

ئالدىراش ۋە ئۇتۇقلۇق سەپەر

rabiye-norway-200-4.jpg
رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مېھمانلار ۋە رافتو فوندى خىزمەتچىلىرى بىلەن. RFA/ئابدۇسەمەت

5-نويابىر، يەكشەنبە رابىيە قادىر خانىم ۋە يولدىشى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى، باشقا مېھمانلار بىلەن بىرگە بۇندىن يۇز يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتاقلىق نورۋېگىيە كومپوزىتورى Edvard Grieg نىڭ خاتىرە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى، چۈشتىن كېيىن ئاتاقلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، پروفېسسور Thorolf Rafto خىزمەت قىلغان نورۋېگىيە سودا ئالى مەكتىپىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چۈشلۈك تاماققا داخىل بولدى. رافتو فوندى جەمئىيىتى دەل Thorolf Rafto نىڭ غايىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن، يەنى 1986-يىلى قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە كېلىشتىكى ئاساسى مەقسىدى بەرگىن شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان رافتو فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارەت پائالىيىتى مەيلى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى زىيارەت مەزمۇنى جەھەتتىن بولسۇن ئەسلى مۆلچەردىكىدىن كوپ ھالقىپ كەتتى. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم ئوسلودا ۋە بەرگىن شەھرىدە بولۇپ جەمى 9 كۇن پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا نورۋېگىيەنىڭ ھۆكۈمەت ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان كۆپلىگەن مۇھىم شەخىسلەر، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بۇ جەرياندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە كەڭ ئىمكانىيەتلەر تۇغدۇرۇپ بېرىلدى. ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ يېقىندىن ماسلاشتى. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئۇتۇقلۇق بولغانلىغىنى، ئۆزىنىڭ بۇننىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

6-ئوكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا رابىيە قادىر خانىم ۋە يولدىشى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى نورۋېگىيىدىكى 9 كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ بەرگىن شەرىدىن ئامېرىكىغا يۈرۈپ كەتتى. (ئابدۇسەمەت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.