نورۋېگىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى
2006.11.16

خەۋىرىڭلادا بولغىنىدەك تېخى يېقىندىلا، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيىگە كېلىپ، ئوسلو ۋە بېرگىن شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئادەملىرى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن بولغان تۈرلۈك يىغىن، ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ، بېرىپ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيىنىڭ ھەرقايسى گېزىتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىندى ۋە داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا.
"ئۇ جۇڭگونى تىترەتتى"
نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گزىتلەردىن بىرى بولغان" كەچلىك گېزىت" دە ئېلان قىلىنغان "ئۇ جۇڭگونى تىترەتتى" ناملىق ماقالىدە، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيىگە قىلغان زىيارىتى ۋە سىياسى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن:
"ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن بىرى بولۇپ، مىلادى 700 - يىللاردا موڭغۇلىيىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرغان، 840 – يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلىتى قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا ۋە گەنسۇ رايونىغا كۆچكەن. بۇ يەرلەردە يېڭى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلىپ ۋە يەنە يېڭى دۆلەتلەرنى قۇرۇپ موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ھازىر ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق ۋە كۆپچىلىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسى بېسىمى ئاستىدا ياشىماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى بايلىقلار، ئىش ئورۇنلىرى ۋە ياخشى تېرىلغۇ يەرلەر جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنماقتا. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇرلار ئوز ۋەتىنىدە تۇرۇپ تۈرلۇك كەمسىتىلىش ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىماقتا. بۇنىڭغا نارازى بولغان ۋە قارشى چىققان ئۇيغۇرلار تۈرمىگە تاشلانماقتا".
مەزكۇر ماقالىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ: "ھېچ مۇبالىغە ئەمەسكى جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ فاشىست دۆلەت" دەپ كۆرسىتىلگەن.
"ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ئۈمىدى ئېلىپ كەلدى"
"بەرگىن ۋاقىت" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
"ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق، نۆۋەتتە ئۇلار دىنىي جەھەتتىمۇ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىماقتا، مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى چەكلىنىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى مەنى قىلىنىدۇ، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا، نارازلىق بىلدۈرسە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، قېيىن قىستاققا ئېلىنىدۇ، ئەمگەك لاگىرلىرىغا قامىلىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنىدۇ"
شۇنىڭدەك بۇ سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچى خادىمى Gerald Folkvord نىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان. ئۇ سۆزىدە گېزىت مۇخبىرىنىڭ پىكرىنى تەستىقلاپ "بۇ خىل ۋەزىيەت جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر" دېگەن.
يەنە مۇشۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان "ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ئۈمىدى ئېلىپ كەلدى" دېگەن ماقالىدە بولسا، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەجبۇرى خىتايخھىلاشتۇرلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان تىل، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ " ھازىر جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە ئوز ئانا تىلىدا ئوقۇشىنى بىكار قىلغان، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر بالىلىرى 1-سىنىپتىن باشلاپ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلىنغان. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان، بۇنداق قىلالمىغانلار ئىش ئورنىدىن بوشىتىلىپ، ئورنىغا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشقان" دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە ماقالە ئاخىرىدا خۇلاسە تەرىقىسىدە:
"جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بۇ خىل مىللى كەمسىتىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقىغا تەھدىت ئەپكېلىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋە جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرگە بولغان نارازىلىقى ھەم ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوندا ئېغىر تىنچسىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن" دېگەن پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. (سەمەت)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيىدىكى زىيارەت پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى يىغىن ۋە مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە
- ياۋروپا سەپىرىدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت