نورۋېگىيە باش مىنىستىرى Jens Stoltenberg ئالدىنقى ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا ئۇ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىر سىياسى سەۋەبتىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىرقانچە كىشىنىڭ تىزىمىنى خىتاي دائىرلىرىگە تاپشۇرغان.
بۇ ھەقتە نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان “VG” دا ئارقا –ئارقىدىن ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى پارچە ماقالىدە نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngord ئەپەندىنىڭ Jens Stoltenberg خىتايغا مېڭىش ھارپىسىدا ئۇنىڭدىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ئېيتىلغان.
بۇ ھەقتە گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان Arne Lyngord ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
"رابىيە قادىرنىڭ ئىككى ئوغلى تۈرمىدە، ئۇلاردىن بىرسى قاتتىق قىيىن –قىستاقلارغا ئېلىنغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتىمىز".
خىتاي دائىرىلىرىنىگ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىشى ئەمىلىيەتتە گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس
Arne Lyngord ئەپەندى نورۋېگىيە باش مىنىستىرى Jens Stoltenberg نىڭ خىتايغا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرى مەسىلىسىنى خىتاي تەرەپكە رەسمىي تەرىقىدە ئېيتىشى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېگەن:
"خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى ئۆزى ئەپ بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى توساپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە سولىدى بۇ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس".
Arne Lyngord ئەپەندى ئەگەر Jens Stoltenbeg رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى خىتايغا بارغاندا ئوتتۇرىغا قويسا بۇنىڭ خىتاي دائىرلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر سىگنال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېگەن:
"بۇ بىر جەھەتتىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جۈملىدىن رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەتتە بولىۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ".
Jens Stoltenberg نىڭ خىتايغا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغۇللىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى پارچە ماقالىدە ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوز خەلقىنىڭ كىشلىك ھەق –ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا 6 يىلغا يېقىن خىتاي تۈرمىسىدە ياتقانلىقى، 2005-يىلى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىغىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بىگۇناھ تۈرمىگە سولىغانلىقىنى يورۇتۇپ ئۆتكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا بەش كىشىنىڭ تىزىملىكى تاپشۇرۇلغان
ئاندىن كېيىن نورۋېگىيە باش مىنىستىرى Jens Stoltenbeg بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋەن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقاندا بەش كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان بىر تىزىملىكنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدىغانلىقى بۇنىڭ ئىچىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ھەم بارلىقى ئېيتىلغان خەۋەردە تىزىملىكتىكى قالغان 4 كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىق ئېيتىلمىغان ئەمما، ئۇلار تىبەت ۋە خىتايلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان سىياسى سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان كىشلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. نورۋېگىيە تەرەپ بۇ تىزىملىكنى تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ لارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دائىرلىرىدىن ئۇلارنى تېزرەك قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Jens Stoltenberg ۋەن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "مەسىلەن مەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدىم، بىزنى ئۈمىدلەندۈرگىنى 2008 –يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى داۋامىدا چەتئەل مۇخبىرلىرى جۇڭگونىڭ خالىغان يېرىگە بېرىپ زىيارەت قىلسا بولىدىكەن، مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش"، دېگەن.