رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا نۇتۇق سۆزلىدى

بۈگۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى پايتەخت ئوسلودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2011.01.29
rabiye-xanim-305.jpg رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۇيغۇرلارغا سوز قىلدى. 2011-يىلى 29-يانۋار
RFA/Aygul

مۇراسىمغا 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغاندا زال ئىچى بىردىنلا ھاياجانلىق كەيپىياتىغا چۆمدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى تەشكىلات خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر دەۋاسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ۋەتەن ئىچى -سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

rabiye-oslo-385.jpg
د ئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2011-يىلى 29-يانۋار
RFA/Aygul

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى جەريانىدا يەنە نورۋېگىيىدىكى مۆمىنجان باشلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ناخشا، مۇزىكا ۋە لەرزان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تەشەككۈرىگە ئېرىشتى.

نورۋېگىيىدىكى ياشلار ۋەكىلىمۇ سۆز قىلىپ، نورۋېگىيىدىكى ياشلارنىڭ دەۋا سەپىدىكى جانلىق ھاياتى كۈچ ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا كوللېكتىپ رەسىمگە چۈشۈش بولۇپ ئۆتتى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى مۇراسىمنى قىزغىن، ھاياجانلىق كەيپىيات بىلەن تاماملاپ قايتىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.