رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
2006.11.02

نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھرىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 1-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نورۋېگىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە نورۋېگىيىدىكى ئاساسلىق چوڭ پارتىيىلەردىن بولغان "ئوڭچىلار پارتىيىسى"، "سوتسىيالىستىك سولچىلار پارتىيىسى"، "ئالغا پارتىيىسى" ۋە "خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى" نىڭ باشلىقلىرى ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەلىنى قاچان ۋە قانداق بېسىپ ئالغانلىغىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاساسلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
رابىيە قادىر خانىم كۆرۈشۈش داۋامىدا نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋەكىللىرىگە ئىلتىماس قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى، نورۋېگىيە پارلامېنتى ۋە نورۋېگىيىدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇشىنى، خىتاي دائىرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، شۇنىڭدەك نورۋېگىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس تىبەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولىدىغان تىبەتنى قوللاش گۇرۇپپىسى بولغىنىغا ئوخشاش، مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلسى بويىچە خىزمەت ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭمۇ تەشكىل قىلىنىشىنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان نورۋېگىيە تەرەپ ۋەكىللىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلتىماسىغا قارىتا ئىجابىي جاۋاپلارنى قايتۇردى.
نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ۋە يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، نورۋېگىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى Shell Magne Bondevik تەرىپىدىن قۇرۇلغان "ئوسلو تىنچلىق مەركىزى" نى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا بۇ مەركەزنىڭ دىرېكتورى، قوشۇمچە ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە پارىژ بۆلۈمىنىڭ خادىمى Einar Steensnæs ئەپەندى ۋە مەركەزنىڭ مەسلەھەتچى خادىمى Hilde Salvesen خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرلىشى، ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ جىددى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە باشقا بىرقاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. Einar Steensnæs ئەپەندى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، "بىزنىڭ تىنچلىق مەركىزىمىز" دۇنيادا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئەمما تىنچلىق بىلەن كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار، مېنىڭچە كىشلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەردە ھەقىقى تىنچلىقمۇ بولمايدۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن يېڭىدىن تونۇشتۇق، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەتتە بولىمىز، ھەمدە قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىمىز" دېدى.
رابىيە قادىر: تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە رازىمەن
"ئوسلو تىنچلىق مەركىزى" دىكى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم، نورۋېگىيىدىكى مۇھىم گېزىتلەردىن بىرى بولغان "كۈن ۋە تۈن" گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇخبىر رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە بىگۇناھ تۈرمىدە يېتىۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، "سىز ئوز مىللىتىڭىز ئۈچۈن شۇنچە كوپ قۇرابانلارنى بېرىپسىز، سىز بۇ قىلغانلىرىم ئەرزىيدۇ دەپ قارامسىز؟ ئەگەر سىز بۇ قەدەر بەدەللەرنى تۆلەشنى بىلگىنىڭىزدە يەنە مۇشۇ يولنى تاللىغان بولامتىڭىز؟ دەپ سۇئال قويدى. رابىيە قادىر خانىم جىددى تەرىزدە: "مىللىتىم ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىم ئەرزىيدۇ ھەم تېخىمۇ كوپ بەدەللەرنى تۆلەشكە رازىمەن، ئەگەر قايتا تاللاش توغرا كەلگىنىدە يەنە ھىچ ئىككىلەنمەستىم مۇشۇ كۈرەش يولىنى تاللايتتىم" دەپ جاۋاپ بەردى.
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن رابىيە قادىر خانىم ئوسلودىكى بەش كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ نورۋېگىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بېرگىن شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.
رافو فوندى جەمئىيىتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە مۇراسىمى ۋە بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى كېيىنكى بىرقانچە كۇن ئىچىدە بېرگىن شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، بەرگىن شەرىگە كەلىپ بۇ پالىيەتلەرەگە قاتنىشىش رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە سەپىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىدى.
شۇ يەر ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت يەتتىلەردە رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بېرگىن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، بەرگىن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئايرودرومغا چىقىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. (ئابدۇسەمەت)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئۇيغۇرلار دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندىنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا
- رابىيە خانىمنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئانالىيې ئىناكسون خانىمنى زىيارەت
- رابىيە قادىر خانىم ئىندىئاننا شىتاتىدىكى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرمەسلىك ھەققىدە نورۋېگىيىگە تەھدىت سالماقتا
- رابىيە قادىر خانىم ب د ت يىغىنى جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى
- رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە