رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىندى


2006.05.31

Rebiya150.jpg
رابىيە قادىر خانىم 2006 – يىلى 28- ماي.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان پەرزەنتلىرىنى تۇتۇپ كېتىپ بىر قانچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئائىلىسىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىدى.

خىتاي ساقچىلىرى: ئىپادەڭلارنى ياخشىلىمىساڭلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىۋېتەلەيمىز

ساقچىلار 30 - ماي كۈنى كەچ سائەت 6 : 00 لەردە رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ۋە روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك قىزىنى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىغا سولىۋېلىپ، يېرىم كېچىگىچە سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ئىدى.

روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ چارشەنبە كۈنى رادئىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 3 - باشقارمىسىنىڭ ئەسقەر ئىسىملىك باشلىقى ئۇلارنى "ئەگەر بىز بىلەن ماسلاشمىساڭلار ياكى ئىپادەڭلارنى ياخشىلىمىساڭلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىۋېتەلەيمىز،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە "سىلەرنىڭ پۈتۈن بىر جەمەتىڭلار جىنايەتچى،" دەپ تەھدىت سالغان. روشەنگۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11: 00 لەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن 3 نەپەر ساقچى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى نەزەربەنت قىلىپ تۇرماقتا ئىدى.

ئامېرىكا ۋەكىللىرى زىيارىتى ئالدىدىكى تۇتقۇن

ئەگەر بىز بىلەن ماسلاشمىساڭلار ياكى ئىپادەڭلارنى ياخشىلىمىساڭلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىۋېتەلەيمىز.... سىلەرنىڭ پۈتۈن بىر جەمەتىڭلار جىنايەتچى...

ئىگىللىشىمىزچە، ساقچىلار ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىمۇ ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان. رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىشتىن 2 كۈن ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئالىم ئابدۇرېھىمنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قانداق كۈتۈۋالماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغان. ئالىم ئابدۇرېھىم ساقچىلارغا "بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالماقچى،" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

خەۋەر مەنبەئەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالىم ئابدۇرېھىمنى "زىياپەت بېرىشىڭگە ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭغا بولمايدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان ساقچىلار، "ئەگەر ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەڭ ئاقىۋېتىڭ ئاپاڭغا ئوخشاش بولىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

روشەنگۈلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئۇلار نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىغا سولاپ قويۇش ۋەقەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەزىيەتتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زىيارەت ئۆمىكى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى "ئەگەر ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرەلمىسە، زىيارەت سەپىرىنى يېرىم يولدا توختىتىمىز،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مەخسۇس ئىشخانا

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ قارمىقىدا 317 - ئىشخانا، دەپ ئاتىلىدىغان رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ سودا ئىشلىرىنى، ئائىلىئە - تاۋاباتىنى كۆزۈتۈشكە مەسئۇل بىر ئىشخانا تەسىس قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى 317 ئىشخانىنىڭ بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاشكارە ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر 317 - نومۇر رابىيە قادىرنىڭ 2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىدىكى دائىرىلەر، روشەنگۈل ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىش ۋەقەسىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، لېكىن ساقچى پونكىتىنىڭ سىياسى يېتەكچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بىر خادىمى، "بۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر نىمە دەپ بېرەلمەيمەن،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەيدىكەن.

رابىيە قادىر 2005 يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ، ئامېرىكىغا مېڭىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئەگەر ئامېرىكىدا جۇڭگوغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارساڭ شىنجاڭدا قالغان پەرزەنتلىرىڭنى "ۋەيرانە قىلىۋېتىمىز،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن زۇلۇم ئالدىدا تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، " مېنىڭ بۇنىڭغا ئائىلەم بىلەن تەييارلىقىم بار" دەيدۇ.

رابىيە قادىر 1999 - يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.