خىتاي، رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى


2006.06.01
alim-rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم (ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن)

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى، رابىيە قادىرنىڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي مەتبۇئاتى بولغان "تەڭرىتاغ تورى" پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە روشەنگۈل ئابدۇرېھىملار ساقچىلار بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقى ۋە ساقچىلارغا قوپاللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خەۋەردە ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.

ساقچىلار رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرىنى ئېغىر يارلاندۇرغان

قادىر ئائىلىسىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى، قىزى، كېلىنى، كۈيئوغلى ۋە 4 نەۋرىسىنى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00 لەردە نەنسەنگە ئېلىپ بارىمىز، دەپ ئېلىپ ماڭغان ۋە ساقچىلار ئۇلانبايغا كەلگەندە مىنىبۇسنى توختۇتۇپ ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى ئۇرغان.

ساقچىلار 30- ماي كۈنى رابىيە قادىرنىڭ قىزى روشەنگۈل بىلەن ئوغۇللىرى ئالىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىغا سولىۋالغان ۋە ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 3 - باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەسقەر، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى "ئەگەر بىز بىلەن ماسلاشمىساڭلار ياكى ئىپادەڭلارنى ياخشىلىمىساڭلار سىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىمىز" دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ساقچىلار ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قايسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەخپىي تۇتماقتا.

سىدىقھاجى روزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئالىم، روشەنگۈل ۋە 4 نەۋرىسىنىڭ ئىز دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالمىغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى بەدناملار

بۇ بىر قاقتى - سوقتى قىلىش قىلمىشىدۇر. ئۇلار بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ رابىيە قادىرنىڭ شىنجاڭغا كىشىلىك ھوقۇق ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقىنى توسىماقچى

تەڭرىتاغ تورى پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، "رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىدە شىركىتى، 1994 - يىلدىن 2004 - يىلغىچە 8 مىليون يۈئەن باج قاچۇردى. تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 21 مىليون يۈئەن پۇلنى، بانكا ۋە شەخسلەرنىڭ 28 مىليون يۈئەن قەرزىنى ھازىرغىچە تاپشۇرمىدۇ " دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن رابىيە قادىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. ئۇ، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 2005 يىلى 5 - ئايدا شىركەتنىڭ قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، شىركەتنىڭ سودىسىنى، بانكا ۋە خېرىدارلار بىلەن بولغان پۇل - مۇئامىلە ئالاقىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئەقىدە شىركىتىنىڭ 9 مىليون يۈئەن پۇلىنى باسۇرۇۋالغان.

رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى

rabiya-sidiq-200.jpg

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، "مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى كۆردۈم ۋە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىگە بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھاۋالە قىلدىم. ئۇلار ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ. بىز كېيىنرەك بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرىمىز " دېدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " رابىيە قادىرنىڭ پەررزەنتلىرىنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تېلېفون ئالاقىسى كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشقا تىرىشماقتا. لېكىن خىتاينىڭ رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋەقەگە باھا بېرىشنى رەت قىلماقتا. بۇ ئىشلارغا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ياكى ج خ نازارىتىنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، "ئۇلار بۇ ئىشلارنى بىزگە ئۇقتۇرماي قىلىدۇ " دەيدۇ. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

سىدىقھاجى روزى، ساقچىلارنىڭ قالغان پەرزەند ۋە نەۋرىلىرىنى ھازىرغىچە ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى نەزەربەند قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەندلىرىنى "قاقتى -سوقتى قىلماقتا " دەپ ئەيىبلىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسئۇل خادىمى ت. كۇمار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى "بۇ بىر قاقتى - سوقتى قىلىش قىلمىشىدۇر. ئۇلار بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ رابىيە قادىرنىڭ شىنجاڭغا كىشىلىك ھوقۇق ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقىنى توسىماقچى " دەيدۇ. كۇمارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش نىيىتى يوقلىقىدىن دىرەك بېرىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.