كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە


2006.06.06

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پارلامېنتى ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا بارغان پەيتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئىدى.

مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئامېرىكا ۋەكىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن تۇتۇشىدىن قەتئىي نەزەر دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر ئىگە بولغان چەكلىك مەلۇماتلىرىمىزدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى يەنىلا نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرى بۇ ھەقتە بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قامال قىلىپ، مۇخبىرلارنى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلماقتا.

بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆزىدىن ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئىشخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلىپ زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.