رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا


2006.06.21
alim-rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم (ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن)

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېيىم، ئابلىكىم ئابدۇرېيىم ۋە قاھار ئابدۇرېيىم قاتارلىق ئۈچ ئوغلىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قىزى رۇشەنگۈلنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلار قاتارىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا تارقىتىلىدىغان رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇچ كەلگەن مەزكۇر ئېغىر بېسىملىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى - "ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇش كۇلۇبى"

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلۇشى ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خەلقئاراغا تونۇلغان ئاگېنتلىقلاردىن رېيتېرس، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئازادلىق رادىئوسى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە باشقىلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقاندىن سىرت يەنە رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ مەلۇم ساندا ئۇچۇرلار بېرىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا توغرا كەلدى. بۇ يىغىندا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزمغا قارشى يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالىنىپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ "ئۈچ خىل كۈچ" دېگەن نام ئاستىدا باستۇرۇشىغا يەنە بىر قېتىم ئاۋاز قوشتى. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بىر يەرگە جەم بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجاد قاتارلىقلارنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى غەرب دۇنياسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپلا قالماستىن بەلكى، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئانالىزلارنىڭ، ئىنكاسلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى "ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇش كۇلۇبى" دەپ تەرىپلىدى.

rushangul-rabiye.jpg

شاڭخەي يىغىنىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قورقماقتا

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ رۇس تىلى شۆبىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە رابىيە قادىرنىڭ ئۇچراۋاتقان بېسىملىرى ھەققىدە "شاڭخەي يىغىنىدىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قورقماقتا" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالە ئاپتورى سولتون تېمۇر شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا شۇنىڭدەك قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزم بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا بىرلىكتە زەربە بېرىشكە پۈتۈشۈلگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەنلىكى، چۈنكى، سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە قىرغىزىستان قانۇن دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بېسىمنىڭ مارت ئىنقىلابىدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە چىققان دېموكراتىك قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتورنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاشۇرۇپ ۋە تېررورىزم بىلەن باغلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللىشى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولماقتا.

ماقالە ئاپتورى يەنە يېقىندا ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى خەلقئارا جەمىيەتكە بىلدۈرۈش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئازاد قىلىشنى جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالە ئاپتورى ئاخىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى خۇلاسىلاپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىسلام فۇندامېتالىزىمىغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرى، دېموكراتلىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىۋاتقانلىقى، قىسقىسى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مىللىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

قىرغىزىستان ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىمۇ نارازىلىقلار مەۋجۇت

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىشكەكتىكى قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان نارازىلىق باياناتىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ خىتاينىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكى، جۈملىدىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈنمۇ زىيانلىقتۇر.

ئاتاقلىق قىرغىز جۇرنالىستى نارىن ئايۇپ ئەپەندىمۇ رابىيە قادىر ھەققىدە خەۋەر ئانالىز ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قارىغان. ئۇ، ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدىكى باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن باستۇرۇپ، بىر قىسىم مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.