رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنى مىللىتىدىن ئۈستۈن قويالمىدى

0:00 / 0:00
rabiye-tutulghan-perzentlir.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم، قاھار ئابدۇرېھىم ۋە قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا رابىيە خانىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنى قولغا ئالغان. قىزى روشەنگۈلنى نەزەربەند ئاستىدا ئالغان. (ئائىلە رەسىمى)

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە نەزەربەندكە ئۇچرىشى، يالغۇز رابىيە خانىمنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق غا قاراشلىق تەشكىلاتلار ھەمدە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەينى - كەينىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى.

خىتاي ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق نامايىشلاردا، نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭمۇ دەرھال قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بىر قىسىم كىشىلەر، رابىيە قادىر، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى دېيىشكەن بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر مىللىتى ئۈچۈن ئاخىرقى نەپىسىگىچە بۇ يولدا كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلى" ۋە "دار ئالدىغا ياسىنىپ مېڭىش"

بۇلاردىن سىرت، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يەنە، تور بەتلىرىدە " ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلى"، "دار ئالدىغا ياسىنىپ مېڭىش" دېگەن تېمىلاردا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەھرىمان، تىز پۈكمەس ئوبرازىنى مەدھىيىلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رەھبىرىنى ھەرگىز يالغۇز قالدۇرمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئۇيغۇر ئانىسىنىڭمۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھرى ‏- شەپقىتىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەرىپلىدى.

"ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلى" ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھرى - شەپقىتىدىنمۇ ۋاز كەچتى، مالدىن ۋە جاندىنمۇ ئۈستۈن تۇرغان سىياسىي ئىرادە، بۇ قېتىم يەنە ئانىلىق ‏- شەپقەتكىمۇ باش ئەگمىدى.

ماقالىدە يەنە "رابىيە قادىر، ئۇيغۇر سىياسىي ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى، چۈنكى بۇ مۇقەددەس بايراق قانچىلىغان ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ پاك قانلىرى بىلەن، قانچىلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قايغۇلۇق كۆز ياشلىرى بىلەن پاكلانمىغان، شۇڭا بۇ قېتىم قولىمىزنى كۆكسىمىزگە ئەمەس، بەلكى بۇ مۇقەددەس بايراققا قويۇپ، رابىيە قادىرغا سالام بېرىمىز"، دېيىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: رابىيە قادىر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ئىكەنلىكىنى قايتا ئىسپاتلاپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي يولباشچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ئەگەر ھەر بىرىمىز خۇددى رابىيە قادىردەك ئۇيغۇر سىياسىي ئىرادىسىنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى بولغان ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالىساق، شۇ چاغدىلا سىياسىي تەغدىرىمىزنى چوقۇم ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ "ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، مىللىتىمنى سۆيىمەن، بۇ يولدىكى ئۆلۈمنى ئۆلۈم ئەمەس توي دەپ بىلىمەن" دېگەن سۆزلىرى " دار ئالدىغا ياسىنىپ مېڭىش" دېگەن ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تېز پۈكمەس ئىرادىسى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن.

"ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بەدىلى " دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى، تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ۋە "دار ئالدىغا ياسىنىپ مېڭىش" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى شۆھرەت ھوشۇر ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالدى.