خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى سوتلاشنى كېچىكتۈردى
2006.07.27

جۇڭگو دائىرىلىرى ئەسلى رابىيە قادىرنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك 2 ئوغلىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە "باج ئوغرىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 28 - ئىيۇلدا رەسمىي سوتلىماقچى ئىدى. لېكىن سوت ئېچىلىشقا 3 كۈن قالغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش دائىرىلىرى سوت كۈنىنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەن.
ئەيىبلەشتىكى "بۆلگۈنچىلىك" چىقىرىۋېتىلگەن
سوت مەھكىمىسى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرى ۋە قاھار بىلەن ئالىمنىڭ ئادۋوكاتىغا پەيشەنبە كۈنى سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سوتنىڭ قاچانغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.
رابىيە قادىر ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ قاھار ۋە ئالىملار ئۈستىدىن تەييارلىغان ئەيىبنامىسىدە دىرامماتىك ئۆزگىرىش بولماقتا. ئەيىبنامىدا جاۋابكارلارنى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان"، "كىشىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقان" دەيدىغان ئەيىبلەشلەر چىقىرىپ تاشلانغان بولۇپ، پەقەت "باج ئوغرىلىدى" دېگەن ئەيىبلەشنى ساقلاپ قالغان. رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىقھاجى روزى بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلماقتا. ئۇ، پەرزەنتلىرىنى شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولمىسا، "ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى نېمە" دەيدۇ.
ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئىز دېرىكىنى تېخىچە يوق
رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنغان ئاز كەم 2 ئايدىن بېرى 2 - ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئىز دېرىكىنى، يېقىندا بىر ساقچى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ئابلىكىمنى داۋالىتىشقا 1000 يۈئەن بېرىشنى تەلەپ قىلغاننىڭ سىرتىدا ھازىرغىچە ئالالمىغان.
ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ قاتارىدا "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش" مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش" ۋە "باج ئوغرىلاش" بىلەن سوتلانماقچى ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى 1992 -يىلدىن تاكى ھازىرغىچە 8 مىليون يۈئەن "باج ئوغرىلىغان" دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەڭرىتاغ تەپتىش مەھكىمىسى تەييارلىغان يېڭى ئەيىبنامىسىدا قاھار ئابدۇرېھىمنى 2 مىليون يۈئەن، ئالىم ئابدۇرېھىمنى 200 مىڭ يۈئەن باج ئوغرىلىغان، دەپ ئەرز قىلغان.
قاھارنىڭ ئادۋوكاتى ئەخمەت سادىر سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت كۈنى كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى پەيشەنبە كۈنى تاپشۇرۇۋالغان. سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئادۋوكات،" ئېنىقلايدىغان ئىشلار بار، دەيدىغۇ" دېدى.
بىز تەڭرىتاغ سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغانلار چىقمىدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن
ئالىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملار 1 - ئىيۇندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەينى چاغدا، "رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ئەنسىراۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىگەن ۋە "ئۇلار مەيلى قانداق سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان بولمىسۇن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك" دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ دىلوسىنى سۈرۈشتۈرگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا "بىز ئۇلارنى جۇڭگو قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ قېتىم سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ دىلوغا ئارىلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس.
سىدىق ھاجى: شىركەتنى ساقچىلار باشقۇرسا ئالىم قانداق باج ئوغرىلايدۇ؟
ئادۋوكات ئەخمەت سادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارلارنى پەقەت"باج ئوغرىلاش جىنايىتى"بىلەنلا ئەيىبلىمەكچى. ئۇ، تەپتىش مەھكىمىسى باج مىقدارىنى "قايتا بېكىتمەكچى ئوخشايدۇ" دېدى.
رابىيە قادىر 1999 - يىلى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئەقىدە شىركىتىنى ئالىم ئابدۇرېھىم 2005 - يىلى 5 - ئايدا ساقچىلار بۇ شىركەتكە بېسىپ كىرىپ، شىركەتنىڭ پۈتۈن توختام ۋە ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ كەتكىچە رابىيە قادىرغا ۋاكالىتەن باشقۇرغان. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 6 - ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئىقرارنامىغا ئىمزا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قايغۇرىۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
سىدىقھاجى روزى، "ساقچىلار شىركەت باشقۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئالىم ئابدۇرېھىم قايسى يول بىلەن باج ئوغرىلىغان بولىدۇ" دەيدۇ. ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن قاھار ئابدۇرېھىم ھازىر تەڭرىتاغ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. لېكىن، رابىيە قادىر ئائىلىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمىغان. ساقچىلار ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى بۇ يىل 30 - مايدا ئۇلانبايدا توسۇۋېلىپ ئۇرغاندىن كېيىن، ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن ساقچى دائىرىلىرى قايسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەخپىي تۇتقان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن رابىيە قادىر ئائىلىسىگە قاراتقان سىياسىي ھۇجۇمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى
- رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنى مىللىتىدىن ئۈستۈن قويالمىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا
- رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلىرىمنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق پائالىيەتلىرىمنى توسىيالمايدۇ
- قىرغىزىستاندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ 3 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى
- نورۋىگىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى كۈچەيمەكتە
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى
- گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن نارازى بولماقتا
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى