خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن پات ئارىدا سوت ئاچماقچى

0:00 / 0:00
rabiye-perzentliri-150.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى. ئارقا رەت سولدىن: ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم. ئالدى رەت سولدىن: قاھار ئابدۇرېھىم، روشەنگۈل ئابدۇرېھىم.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىنى سوتلاش بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلۈپ، بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلاندى.

خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە تاۋاباتىغا ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملارنىڭ پەيشەنبە كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەسلى ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سوتى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلماقچى ئىدى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى سوت كۈنىگە بىر كۈن قالغاندا سوتنى تۇيۇقسىز كېچىكتۈرگەن ۋە سوتنىڭ نىمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ باشلىرى قولغا ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى. رابىيە قادىرنىڭ چوڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ساقچىلار بىلەن ماسلاشمىغان، دەپ نەزەربەنت قىلىندى.

پەرزەنتلەرنىڭ ئادۋوكاتى: مېنى قايتا ئاۋارە قىلماڭ

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن قاھار ئابدۇرېھىم ئۈستىدىن سوت ئاچماقچى. ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ئادۋوكاتى ئەخمەت سادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا سوتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ، دىلونىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى قايتا ئاۋارە قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قولغا ئالدى. قاھار ئابدۇرېھىمنى ئاقسۇدا قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئاپتوبۇستا ياللاپ كەلگەن. ئۇلار قولغا ئېلىنىشتىن سەل بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 3 كىشىلىك بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىندى.

جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 3 - باشقارمىسىدىكى ساقچىلار ئالىم ئابدۇرېھىملارنى ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن قەتئى كۆرۈشمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئەتىسى ساقچىلار رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىنى ماشىنىدا ئۇلانبايغا ئېلىپ بېرىپ، ئالىم ۋە ئابلىكىملارنى يول ئۈستىدە ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە سوتلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، رابىيە قادىرنىڭ چوڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ئائىلىسىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىندى.

رابىيە قادىر خانىم: ئالىم ئابدۇرېھىملارنى سوتلاش مېنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان

رابىيە قادىر خانىم، ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سوتىنى پەيشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلاش نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئېنىكسېن خانىم تەرىپىدىن بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرىغا كۆرسىتىلگەن. گەرچە بۇ يىلقى مۇكاپات ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇكاپات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدە رابىيە قادىر ئالدىنقى قاتاردىكى 3 نامزاتنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 16 - ئۆكتەبىردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2- ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئەھۋالى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. ئۇ، ئىلگىرى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى، دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ بۇ قېتىم نىمە ئۈچۈن ئالىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملار بىلەن بىرگە سوتلانمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. رابىيە قادىر خانىم، "ئالىم ئابدۇرېھىملارنى سوتلاش مېنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان،" دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە سوتلاش ھەرىكىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قانداق سەۋەبدىن قولغا ئالغان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتاي قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، دەپ جاۋاپ بەرگەن.

رابىيە قادىر: پەرزەنتلىرىمنى سوتلاش خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە خىلاپ

پەرزەنتلىرىنى گۇناھسىز، دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، "ئۇلارنى سوتلاش خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە خىلاپ"، دەپ كۆرسەتتى.

ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سوتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشلانماقچى. قۇرۇلتايدا پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى "ئالدىنئالا زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن يەردە يوقىتىش "سىياسىتىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، دىنىي ۋە مەدىنىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلەر ۋە ئوخشىمىغان قاراشتىكى دىنىي پائالىيەتچىلەرنى تېرورچىلار قاتارىدا جازالىماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)