رابىيە خانىم ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئالىم ئابدۇرېھىمنى قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2006.11.28

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي جازا بىلەن جازالىنىشى بولۇپمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ 7 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىشى، يالغۇز ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نكۇلاس بېكلىن، بۇ قىلمىشنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇخبىرلارغا "بىز سوتنىڭ ئادىل بولغانلىقىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە گۇمانلىنىمىز، شۇنداقلا ئەيىبلەنگۈچىلەر قانۇنىي ۋاكالەتچىلىككە ئېرىشەلمىدى، دەپ قارايمىز" دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى يېڭىلا تاپشۇرۇپ ئالغان رابىيە قادىر خانىم، بىر قانچە كۈندىن بېرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 15 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك سېستىمىسى ۋە خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ، 28 - نويابىر كۈنى بېلگىيىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. بېلگىيىدىن تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي سوتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى، شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى Louisa Greve خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈستىدىن سىياسىي باستۇرمىچىلىق قىلمىشى يۈرگۈزىۋاتقانلقىنى بىلدۈردى.
"مېنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنكاسىم شۇكى، مەن تولىمۇ بىئارام بولدۇم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر قانچە ئايلاردىن بېرى سېلىۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا تەھدىتى ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرسەتتى، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت نومۇس قىلمىدى. رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىشتىن باشلانغان بۇ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، ئاخىرى ئالىم ئابدۇرېھىمنى ئۇزۇن ۋاقىت قاماققا تاشلاش بىلەن ئاياقلاشتى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى ئېنىق ئەستە تۇتۇشى كېرەككى، ئولىمپىك تەك خەلقئارا دەرىجىلىك مۇراسىمنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بىر چوڭ دۆلەت، دۇنيا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى ھەقسىز جازالاش ھەرىكىتىدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك".
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك "مۇراسىمىنىڭ ساھىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنى ياخشى ئويلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر داۋاسىدىن توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
- 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدە
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن پات ئارىدا سوت ئاچماقچى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ 3 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى