خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەركىتى باشلىدى

0:00 / 0:00
rabiye-norway-2003.jpg
ابىيە قادىر خانىم نويابىر ئېيىدا يولدىشى سىدىق ھاجى روزى (سول) نورۋېگىيىلىك تەرجىمان تايىر ئەپەندى (ئوتتۇرا) بىلەن بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا. RFA/ئابدۇسەمەت

11-ئاينىڭ 29 –كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسى ئۆزلىرىنىڭ تور بەتىدە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەركىتى باشلىدى.

خىتاي دېگىنىنى قىلدى

تور بېتىنىڭ باش سەھىپىسىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرئىتى ۋە "رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى تۈرمىگە سولاندى ۋە قىيىن –قىستاققا ئېلىندى" دېگەن باش ماۋزۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىمزا توپلاش چاقىرىقى چىقىرىلغان:

"كىشلىك ھوقۇق كۆرەشچىسى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى تۈرمىگە سولاندى ۋە قىيىن –قىستاقلارغا دۇچار بولماقتا. ھازىر ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى تۈرمىدە، ئۇلاردىن بىرى قاتتىق قىيناقلارغا ئېلىنغان بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلۇشى كېرەك. تەلەپ شۇكى، رابىيە قادىر ئائىلىسىگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان زورلۇق-زومبۇلۇقلار دەرھال توختىتىلسۇن!!"

ئاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئىزاھلانغان:

"رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" نىڭ ساھىبى رابىيە قادىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تىنچلىق يوللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تۈپەيلى قولغا ئېلىنىپ ئالتە يىل تۈرمىدە ياتقان. 2005-يىلى 3-ئايدا كۈچلۈك خەلقئارا بېسىم ئاستىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئامېرىكىغا يولغا سالغان. رابىيە قادىرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ جۇڭگودىن ئايرىلىش ئالدىدا جۇڭگو دائىرلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ، ئەگەر ئۇ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى كىشلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىغى قىلمىشلىرىنى خەلق ئالەمگە پاش قىلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ جۇڭگودا قالغان پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئوچ ئېلىش ئوبيېكتى بولىدىغانلىغىنى ئېيتقان. دەرۋەقە، رابىيە قادىرنىڭ بىرقانچە بالىسى ھېلىھەم جۇڭگودا ياشايدۇ. ئۇلار ئىزچىل چەتكە قېقىلىش، ئوز ئۆيلىرىدە نەزەربەنت قىلىنىش، ناھەق سوتقا تارتىلىش، قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىشقا ئوخشاش ھەر تۈرلۇك كۈلپەتلەرگە دۇچار بولۇپ كەلدى. ھازىر ئۇلاردىن ئۇچى تۈرمىدە ياتماقتا".

ئىزاھاتنىڭ داۋامىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىغا قارىتىلغان جىنايى ئەيىبلەشلەرنىڭ تامامەن يالغان، سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئەتەي ياساپ چىقىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل تەتقىقاتچى خادىمى Corinna Barbara Francis نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان:

"ناھايتى ئېنىقكى رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرگە سىياسى مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان. ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقىتتا جۇڭگو دائىرلىرى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن كىشلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى داۋام ئەتكۇزىدىغان بولسا، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ئائىلىسى ۋە تىجارەت ئىشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىغىنى ئېيتقان. رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىگە سادىر بولىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر، نۆۋەتتە جۇڭگودا ئادەتكە ئايلانغان، كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلىش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى".

ئىمزا توپلاش ھەركىتى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن نورۋېگىيىنى زىيارەت قىلغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغاندا ئېيتقان سۆزلىرى تىلغا ئېلىنىپ:

"رابىيە قادىر ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىردا نورۋېگىيىگە كېلىپ، ‘نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى" نىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىغىنى، تۈرمىدىكى ناچار شارائىت، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە كۇن ئۆتكۈزۈشنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمىداشلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ۋەھشى قىيىن-قىستاقلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولغانلىغىنى سۆزلەپ بېرىپ: - مانا بۈگۈن مېنىڭ بالىلىرىم ئاشۇ تۈرمىگە سولاندى ۋە مەن كۆرگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن ئوز بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ - دېگەن ئىدى" دېيىلگەن.

بۇلاردىن باشقا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملار ئۈستىدە 27-نويابىر ئېلان قىلىنغان سوت ھۆكمى ھەققىدىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئىمزا توپلاش ھەركىتىگە قوشۇمچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرگە قىلىنغان زوراۋانلاقلارنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ئەلخەت ۋە فاكس يوللاش، شۇنىڭدەك خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىيا باۋغا بىۋاستە خەت ئەۋەتىش چاقىرىقى چىقىرىلغان ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادرېسلار ۋە تېلېفۇن، فاكس نومۇرلىرى يېزىپ قويۇلغان.

بۇ قېتىمقى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە نورۋېگىيىلىكلەر ناھايتى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئىمزا توپلاش باشلىنىپ تېخى بىر ھەپتىگە يەتمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە 12831 ئىمزا توپلانغان. (ئابدۇسەمەت)