خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنى مەخپىي سوتلىغان

0:00 / 0:00
Ablikim-abdurehim-150..jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىم.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 8‏- مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، 2007‏- يىلى 28‏- يانۋار كۈنى، تۈرمىدىكى ئېغىر تەن جازاسى تۈپەيلى، سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقان ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنى مەخپىي سوتلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا "دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان" ، "مىللىي بۆلگۈنچى" ۋە " رابىيە قادىرغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش" قاتارلىق جىنايەتلەرنى يۈكلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسى 1999‏- يىلى رابىيە قادىر خانىم سىياسىي جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغان. بۇ خىل زەربە بېرىش رابىيە قادىر خانىم 2005‏- يىلى 17‏- مارت كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. چۈنكى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرغان.

مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات، ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا يۈكلىگەن جىنايەتلىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.