د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىشى ، بولۇپمۇ ئابلىكىم ۋە ئالىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سودا‏ - تىجارەت داۋامىدا باج تۆلىمىگەن دېگەنگە ئوخشاش باھانىلەر بىلەن ئۈن ‏- تۈنسىز تۇتۇپ تۇرۇلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ۋە باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.