خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار


2006.06.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رابىيە قادىر پەرزەنتلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە

rabiye-namayish-150.jpg
رابىيە خانىمنىڭ قىزى ئەقىدە قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىمىنى تۇتقان ھالدا ۋاشىنگتوندا نامايىشتا. RFA

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەمدە باج ئوغرىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا، دېيىشمەكتە

6‏-ئاينىڭ 23‏-كۈنى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، شۋېتىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولم دىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.