رابىيە قادىر پەرزەنتلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەمدە باج ئوغرىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا، دېيىشمەكتە
6-ئاينىڭ 23-كۈنى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، شۋېتىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولم دىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.