رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى تۈركىيىدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى


2006.06.06

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلىسىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيىدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدا بىگۇناھ يەرگە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا "بىگۇناھ ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسۇن" تېمىسى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.