مەن ئۆزەمنى خەلقنىڭ دەپ ئاتىۋەتكەن......
2005.03.18

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، 17 - مارت كۈنى كەچ سائەت 35 : 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاشىنگتوندىكى رېگان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۈتۈۋىلىندى.
رابىيە خانىمنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگۈچىلەر، ئەتلەس كۆينەك، چىمەن دوپپىلارنى كىيىشكەن كىيىشكەن ھالدا قوللىرىدا گۈل ۋە ئامېرىكا بايرىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى تۇتۇشۇپ، تەقەززالىق ئىچىدە يولۇچىلار چىقىدىغان ئىشىككە قاراپ تەلمۈرۈشتى.
ئايروپىلان قونۇشتىن بۇرۇن، بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئەقىدە، خانزۆھرە، قېقىنۇس ۋە مۇستافالارنى، ئاندىن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا چىققان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق.
مانا ۋاقىت توشتى، ئۇزۇندىن - ئۇزۇن كۈتۈلگەن رابىيە خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خادىمىنىڭ ھەمرالىقىدا يولۇچىلار ئىشىكىدىن چىقىپ كەلدى.
... ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى ئوقۇتىمەن. يېتىم بولغانلارغا ئاتا-ئانا بولىمەن… ئۆز ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەي بىچارە بولغانلار ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىمەن ... ئاللا ماڭا قانچىلىك ئىقتىدار بەرسە، مەن شۇنى ئۆز خەلقىم ۋە ئۆز ئەۋلادىمغا ئاتا قىلىمەن. مەن ئۆزەمگە ھەرگىزمۇ مەنسۇپ ئەمەس… مەن ئۆزەمنى ئۆزەمنىڭ دەپ ھېس قىلىپ باققانمۇ ئەمەس… مەن ئۆزەمنى خەلقنىڭ دەپ ئاتىۋەتكەن….
كۆپلىگەن مۇخبىرلارنىڭ چىراق نۇرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇئار ساداسى ئىچىدە چىرايىدىن بىراز ھودۇقۇپ قالغانلىقى چىقىپ تۇرغان رابىيە قادىر خانىم، ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ ئۆزىگە ئېتىلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنى باغرىغا باستى. ئەتىراپتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلىشتى.
مۇخبىرلارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ توپى ئارسىدا قالغان رابىيە خانىمنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۈم جىلۋىلەندى. مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەن رابىيە خانىم، تۈرمە ئىچىدە ئەڭ خوشال بولغان مىنۇتلىرىنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان كۈنى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان دىدارلىشىشتىن كېيىن، رابىيە خانىم ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس لىموزىنغا ھەمرىيى سىدىق ھاجى ئەپەندى ۋە پەرزەنتلىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم يۇرتداشلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيا شىتاتىدىكى ئۆزىگە ئېلىپ كېلىندى.
ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ساق - سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رابىيە خانىم، ئۆيىدىكى مېھمانلارنى يەنە ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى يوقلىقىنى ئامما ئۇنىڭ ۋاقتىدا ئارام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان يۇرتداشلار بولسا ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەپ، كەچ سائەت 1 ئەتىراپىدا، بۇ ئۆيدىن ئايرىلىشتى.
18 - مارت كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 1 ئەتراپىدا، بىز يەنە رابىيە خانىمدىن ئەھۋال سوراش ۋە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېلېفون ئۇردۇق. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سىدىق ھاجى روزى، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزور ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت
- رابىيە قادىرنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىلھاملاندۇردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى