رابىيە قادىر تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى
2006.05.05
لوگەي فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان جۇڭگو - سوۋېت يىغىۋېلىش لاگىرىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى، دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، تىبەتلىك ئايال مەھبۇس ئاما ئادى، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈي ۋېنلىي، تيەنئەنمىن دەۋرىنىڭ نامايىشچىسى لۇ دېچىڭ قاتارلىقلار تۈرمە سەرگۈزەشتىلىرىنى تونۇشتۇردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى نەنسىي پەلۇسى سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغان تەرەپسىز تەشكىلاتلار جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە "چوڭ ئىلگىرلەش" بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، دېدى. نەنسىي پەلۇسى "بۈگۈن بىز بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەمگەك ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدىكى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتچى بولۇپ قالغان مىڭلىغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز " دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇتۇقىدا " بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى ب د ت ۋە خەلقئارا قىزىل كرىست جەمئىيىتىگە ئېچىۋېتىشكە ئۈندەيمىز " دەپ تەكىتلىگەن پەلۇسى، دۇنيا ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشى ۋە بىز بۇ ئۆزگىرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىمىز كېرەك " دېدى.
رابىيە قادىر: تىرىشچانلىقىم قوبۇل قىلىنمىدى
يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى " ئەگرى - توقاي ۋە كىشىنى جەلپ قىلارلىق كەچۈرمىشلەر" بىلەن تولغان، دەپ كۆرسەتتى. ئالدى بىلەن، - دەيدۇ رابىيە قادىر، - مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن سودىگەر بولدۇم. ئاندىن خىتاي سىياسىي قاتلىمىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندىم. ئاخىرىدا مەھبۇس بولدۇم، ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان پائالىيەتچى بولۇۋاتىمەن. رابىيە قادىر "مەن ياشاش ۋە پۇل تېپش ئۈچۈنلا سودىگەر بولمىدىم. مەن خىتاينىڭ مەۋجۇت سېستىمىسى ئىچىدە، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ رامكىسى ياكى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ خەلقىمنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىماقچى بولدۇم ۋە قولۇمدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقىمنى كۆرسەتتىم. خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان لېكىن، قىلمىغان ئىشلارنى قىلدىم. لېكىن بۇ تىرىشچانلىقىم قوبۇل قىلىنمىدى " دەيدۇ.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى " ناچارلىشىپ" كېتىۋاتقانلىقىنى خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە ئەينى چاغدا سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى، ھازىر دۆلەت رەئىسى بولغان خۇ جىنتاۋغىچە ئۇقتۇرغان.
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز، دەپ ۋەدە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، " لېكىن ھازىر ئويلىسام ئەينى چاغدا ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن " دېدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان ۋە 1999 - يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقچى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىمەكچى بولغان.
تۈرمىدىكى سەرگۈزەشتىلەر
رابىيە قادىر شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى " كۈمۈش ئاستانا" مىھمانخانىسىغا چۈشكەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى. ئۇ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىككى يىلغىچە تەنھا بىر كامىرغا سولانغان ۋە پۈتۈن ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان. رابىيە قادىر، " كىتاپ ئوقۇش، خەت يېزىش، ئويلاش ئەركىنلىكىملا ئەمەس، بېشىمنى كۆتۈرۈش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندىم " دەيدۇ. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ليۇداۋان تۈرمىسىدە ئىككى يىل ياتقاندىن كېيىن باجياخۇ تۈرمىسىگە ۋە بۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلار بار ئەترەتكە يۆتكەپ بېرىلغان. بۇ تۈرمىدە دەيدۇ رابىيە قادىر، " ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر نازارەت قىلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ خارلىشى ھەم بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايتتى. ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنى تۈرمە نازارەتچىلىرى كونترول قىلاتتى" دەيدۇ.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى چەتئەلدىكى " بۆلگۈنچى" ھەرىكەتلەرنىڭ رەھبىرى، دەپ ئىقرار قىلدۇرماقچى بولغان ۋە ئۇنى بۇنىڭغا قىستىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنى رەت قىلغان. ئۇلار ماڭا، - دەيدۇ رابىيە قادىر، " تەلىيىڭگە دۇنياغا تونۇلۇپ قالغان ' يۇقىرى دەرىجىلىك مەھبۇس ' بولۇپ قالدىڭ، بولمىسا ئۇستىخىنىڭنى كۈكۈم تالقان قىلىۋەتكەن بولاتتۇق، دەپ تەھدىت سالدى " رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا تەن جازاسى بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پىسخولوگىيىلىك قىيىن قىستاققا ئالغان.
ئاما ئادى: بىز تىبەتلىكلەر دالاي لامانىڭ پۇقرالىرى
ئاما ئادى ھاياتىنىڭ 27 يىلىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن ياشانغان تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇس. 1995 - يىلى دارامسالاغا قېچىپ چىققان ئاما ئادى يىغىندا تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مېنىڭ ھايات قېلىشىمدىكى بىردىن- بىر روھىي تىرىكىم، ھايات قالسام كۈنلەرنىڭ بىرىدە دالاي لاما بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىشىم مۇمكىن، دەيدىغان ئۆمىد ئىدى " دەيدۇ.
بىز تىبەتلىكلەر دالاي لامانىڭ پۇقرالىرى " دەپ تەكىتلىگەن ئاما ئادى، " تىبەت مۇستەقىل بىر دۆلەت. بۇنىڭدا مەسىلە يوق. خىتايلار جۇڭگودا شات- خورام ياشىسا بولىدۇ. تىبەت خەلقى ئۆز يۇرتىدا شات-خورام ياشىيالايدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
ئاما ئادانىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن بىر قىسىمى، دەپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئايرۇپىلان ۋە ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، " مىڭلىغان" تىبەتلىكنى قىرغىن قىلغان. تىبەتتىكى ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئەسلىگەندە كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ئاما ئادا، "يۇرتۇمدا ئۆسمۈرلۇك يىللىرىمنى ناھايىتى شات - خورام ياشىغان ئىدىم، لېكىن 1950 - يىلى خىتاي ئەسكەرلىرى دۆلىتىمىزگە كىردى. بۇ جەرياندا خىتايلار مەدىنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى جۇڭگو كومپارتىيىسى رەئىسى ماۋ زېدوڭ ئەۋەتكەنلىكىنى تەكرارلاپ تۇردى" دەپ كۆرسەتتى. ئاما ئادانىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى تىبەتنى كونترول قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرگەن.
ئاما ئادا " تىبەتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ تىبەتلەرگە بولغان مۇئامىلىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇلار تىبەت خەلقىنى ئارقىدا قالغان، دىنىمىزنى زەھەرلىك، مەدىنىيىتىمىزنى قالاق ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ كەمسىتىشكە باشلىدى" دەيدۇ. ئاما ئادى 1960 -يىللىرى شەرقىي تىبەت رايونىدا تىبەت تىركىشىش كۈچلىرىگە ياردەم قىلدى، دىگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ قاتارىدىكى بىرى. 1961 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە تىبەت تۈرمىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى " ناھايىتى ئېغىر" ئەھۋالدا قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامى ئادى، " بىز مەھبۇسلار ھايات قېلىش ئۈچۈن خۇرۇم ئاياقلىرىمىزنى يېيىشكە مەجبۇر بولغانمىز " دېدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
- رابىيە قادىر: ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك تازىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى
- ياپون مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىر خانىم
- ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى
- رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە مەتبۇئاتىدا
- ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى