ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، 23 - ماي كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ئامېرىكىنىڭ سانفىرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئاياق - ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلىق دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، "دۇنيانىڭ ھىچ قانداق يېرىدە ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بۇ خىل دەرىجىدە دەپسەندىچىللىككە ئۇچرىمىغان" دەپ ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سانفىرانسىسكو شەھىرىدىن قايتىپ كېلىپ، بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ پات ئارىدا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئورۇنلىشىدىغان ياش زىيالىلار ئارىسىدا ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا بەلگىلىك كۆز قاراشنىڭ تىكلەنگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىئىقنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىئەن ئۆتكۈزگەن سۆگبىتىدىن ئاڭلاڭ.