رابىيە قادىر: مەن بالىلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن، بىز بەدەل تۆلەۋاتىمىز ھەم تۆلىشىمىز زۆرۈر...


2006.06.02

1 - ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىق ۋەقەسىگە قارىتا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ "بىز رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئىنتايىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، بىز خىتاي ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ئۇلارنىڭ مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر دەرھال قويۇپ بېرىشنى جىددى تەلەپ قىلىمىز" دەپ بىلدۈردى.

ئائىلىسىدە ئەندىشىلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئامېرىكىدا تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ نەزەربەنتى ئاستىدىكى بالىلىرى ھەم نەۋرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.