ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى
2006.12.12

كانادادا چىقىدىغان "تورونتو ستار" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى سانىدا Nicholas Keung نىڭ ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى، سىياسى ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى كانادادا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى" ناملىق قوشۇمچە ماۋزۇمۇ قويۇلغان. بۇ گېزىتكە يەنە رابىيە خانىمنىڭ بىر پارچە رەسىمىمۇ بېرىلگەن.
پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن رابىيە قادىر كانادا
بۇ ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: رابىيە قادىر خىتايدىكى ساناقلىق بايلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇيغۇر رايۇنىدا سودا ساھەسىدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان بۇ ئايال ۋاشىنگتونغا يېقىن جايدا تۇرىدۇ. ئۇ، ھازىر خىتايدا بېسىمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاۋازىغا ئايلاندى. 2006-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان بۇ ئايالنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە خىتاينىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ئېنىقسىز بولىۋاتقان سىياسى تۇتقۇن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىدۇر، دېيىلىدۇ.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۈچۈن كانادادا 6 كۈن زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدا: ئۆز ۋاقتىدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنى كانادا كونسەرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى، پارلامەنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاسون كەننەي تەكلىپ قىلغان. رابىيە قادىر سەيشەنبە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق ئۆتىدۇ، دېيىلگەن.
رابىيە قادىر: ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك
Nicholas Keung ماقالىسىدا رابىيە خانىمنىڭ "بىز باش مىنىستىر Stephen Harper نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغانلىقىدىن خوش بولدۇق. بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سودا سۆھبىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى دەپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇشى ئىنتايىن خاتا، دېگەن سۆزلىرىگىمۇ يەر بېرىلگەن.
ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا: "ئەسلىدە شەرقى تۈركىستان دەپ بىلىنگەن بۇ رايونغا خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭ، يېڭى تېررىتورىيە، دېگەن ئىسىم بېرىلگەن. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىنى زورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقان بۇ رايوندىكى ئاپتونومىيىنىڭ كەلگۈسى مۇنازىرە تېمىسىدۇر. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بارلىق دوكلاتلىرىدا بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، دېيىلگەن.
رابىيە قادىر ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن
رابىيە قادىر خانىمنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىدا: "رابىيە قادىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 7-سىنىپىدا مەكتەپتىن توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئامما ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. سودا بىناسى، توپ سېتىش ئورۇنلىرى ۋە رېستوران قاتارلىق مۇقىم مۈلكىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 1990-يىللاردا، 32 مىليون دوللارغا يەتكەنىدى. رابىيە خانىمنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار مائارىپ ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەنىدى"، دەپ يېزىلغان.
خىتاي دائىرلىرى مەنى ئۆزلىرىگە قورچاق قىلماقچى بولدى، ئامما مەن خالىمىدىم
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە نام قازانغانلىقى ئۈچۈن خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ۋە بۇ ئەزالىقنىڭ دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىگىنى چەتئەلگە ئاشكارىلىدى، دېگەن گۇمان بىلەن خەۋەپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانغا قەدەر داۋام قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماقالىدا، رابىيە خانىمنىڭ نىمە ئۈچۈن خىتايدا سىياسىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئۇنىڭ "مېنىڭ خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىدە سىياسىغا ئارىلىشىشتىكى مەقسىتىم بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ بېسىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئامما خىتاي دائىرلىرى مېنىڭ تەكلىپلىرىمگە قۇلاق سالمايلا قالماستىن ئەكسىنچە، مېنىڭ خەلقىمنى يانچۇقچى، زوراۋان ۋە تېررورىستلار، دەپ ئاتىدى، بېيجىڭ دائىرلىرى مەنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان قورچاق قىلماقچى بولۇۋېدى، ئامما مەن ئۇلارغا قورچاق بولۇشنى خالىمىدىم"، دېگەن سۆزلىرى بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىدا رابىيە خانىمنىڭ تېخى يېقىندىلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ ساقلانغانلىقى ۋە ھازىر ئۇنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
رابىيە قادىر خىتايدىكى ئۇيغۇر سىياسى جىنايەتچىلەرنىڭ تىپىك ئۈلگىسى
ماقالىدا رابىيە خانىمنىڭ ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، 1999-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن. خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن رابىيە خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 6 يىللىق تۇرما ھاياتى جەريانىدا، دەسلەپتە پەنجىرە ۋە ھاجەتخانىسى بولمىغان ناھايىتى كىچىك ئىككى كىشىلىك كامېرغا قامالغانلىقى، ئۇنىڭ يۇيۇنىشىغا 4 ئايدا بىر قېتىم يول قويۇلغانلىقى، كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن باجاخۇ تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتىل ۋە قويمىچىلارغا ئوخشاش سالاھىيەتتىكى ئادەملەر بىلەن بىر كامىرغا ساقلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ھەر بىر ھەرىكتىنى دائىرلارغا دوكلات قىلىپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەلدە داۋالىنىدۇ، دېگەن نام بىلەن ئالدىنقى يىلى قۇيۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغانلىقى، 11 پەرزەنتىدىن 6 سىنىڭ ۋەتەندە قالغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىلەن تەقدىرداش بولغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى كامىلە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
جۈمە كۈنى كاناداغا ئاياق باسقان رابىيە قادىر خانىم كانادا زىيارىتىنى خىتايدا قاماقلىق تۇرىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاش بىلەن باشلىغانىدى.
كانادا ھۆكۈمىتى: ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز
ماقالىدا خىتاينىڭ، ھۈسەيىن جېلىلنى 2000-يىلى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن بىر ئۆمەككە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قولى بار ھەمدە كىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسىنىڭ قاتىلى، دېگەندەك ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا، قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەنلىكى، ئوتتاۋانىڭ تېخىچە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نەدىلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان.
ماقالىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى Bernard Nguyen نىڭ "بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز Peter Mackay خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ھەر قېتىمقى ئۇچرۇشىشىدا، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز"، دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.
رابىيە قادىر: مېنىڭ نامزات بولۇشىم ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ
بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېنگاللىق بانكىچى مۇھەممەد يۇنۇسقا بېرىلىشىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئاپتور Nicholas Keung ماقالىسىنى رابىيە خانىمنىڭ "مېنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىم ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زوراۋانلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن ئەتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن ئىشىكلەرنى ئەچىپ بەردى ھەمدە ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تونىدى. بىز ھۈسەيىن جەلىلنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كەلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، دەگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادا
- رابىيە قادىر خانىم تورونتودا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشتى
- رابىيە قادىر خانمىمنىڭ تەرجىمىھالى يېقىن كەلگۈسىدە نەشردىن چىقىدۇ
- د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ د ئۇ ق ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر - ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى
- كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە (2)
- كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە (1)
- ئىسلامنىڭ كۆرۈنمىگەن فرونتى- خىتاينىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستان(2)
- ئىسلامنىڭ كۆرۈنمىگەن فرونتى- خىتاينىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستان(1)
- خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئاۋازىنى كۆتەرمەكتە