
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۆزىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش تەجرىبىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋەل، يېغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قاتارلىق 8 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئاكتىپ ئەركىنلىك كۈرەشچىلىرى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە بۇرۇنقى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۈرەشچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.
ئەركىنلىك كۈرەشچىسى
يىغىندا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گرىشمان ئەپەندى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
كارل گرىشمان ئەپەندى، رابىيە خانىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى دەپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
"ئون بىر بالىنىڭ ئانىسى بولغان رابىيە قادىر كىچىك تىپتىكى مۇلازىمەتچىلىك بىلەن تىجارەت باشلاپ نەچچە ئون مىليون دوللارلىق بىر كارخانىچىغا ئايلاندى. ئۇ نامرات ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولدى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىش ئىگىسى قىلىش ۋە تىجارەتكە ئۈندەش ئۈچۈن مىڭ ئانا ھەرىكىتىنى باشلىدى. 1999- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈش ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان رابىيە قادىر سەككىز يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ 6 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 2005- يىلى مارت ئېيىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىغا ئەۋەتىۋەتتى. رابىيە قادىر ئامېرىكىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەن پەخىرلەنگەن ھالدا رابىيە خانىمنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى
كارل گرىشماننىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن سەھنىگە چىققان رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى:
- ھۆرمەتلىك مېھمانلار، بۈگۈن بۇ يەردە سىزلەر بىلەن بىرگە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، پرېزىدېنت ۋاسلاۋ خاۋەل ئەپەندىم، شەرقىي ياۋروپادا دېموكراتىيىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى. ئۇنىڭ پائالىيتى نەتىجىسىدە كوممونىست چېخسىلوۋاكىيە تىنچلىق بىلەن دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە ئۆلگە بولالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن خاۋەل ئەپەندىمنى تەبرىكلەيمەن ۋە خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەيمەن.
- ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، تىبەت ۋە موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىۋاتىمەن.
- مەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي پارلامىنتىنىڭ ئەزاسى ئىدىم. پارلامىنت ئەزاسى بولغان ۋاقتىمدا، خەلقىمنىڭ شىكايەتلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق خەلقىمگە خىزمەت قىلىشقا تېرىشتىم. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ نىيىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقىمنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئىغىر ئەھۋالنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا ئاتلاندىم.
شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1999- يىلى مېنى قولغا ئېلىپ 8 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن 2005-يىلى 17 - مارت كۈنى مېنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەندە، چەتئەللەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەمما مېنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتماسلىقىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە قارىماي، ماڭا ئوخشاش تۈرمىلەردە يىتىۋاتقان، تۈرلۈك ئىسكەنجىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى، ئۆزۆمنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ قارىدىم.
- خىتاي ھۆكۈمىتى مىنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن چاغدا سالغان تەھدىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. 2006-يىلى ماي ئىيىدا مەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلانغاندىن بىر نەچچە كۈن كېيىن، ئۈچ ئوغلۇمنى قولغا ئېلىپ، قىزىمنى قامىدى ۋە 1006- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلانغان كۈنۈمنىڭ ئەتىسى، ئوغلۇم ئالىمنى 7- يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، قاھارغا ئېغىر پۇل جازاسى بەردى. ئوغلۇم ئابلىكىمنىڭ ئاقىۋىتى تېخى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى قانچىلىك كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
-لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىمىنى قانداق كۈچەيتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز ھەمدە ۋاسلاۋ خاۋەل ئەپەندىمنىڭ چېخ جۇمھۇرىيتىدە دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان يولىنى بويلاپ مىڭىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرىمىز"
رابىيە قادىر خانىمنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزلىرى يېغىن قاتناشقۇچلىرىنىڭ بولۇپمۇ پرېزىدېنت ۋاسلاۋ خاۋەلنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە ۋاسلاۋ خاۋەلنىڭ ئۆز ئورنىدىن تۇرۇپ رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تەبرىكلىشىگە سەۋەب بولدى.
يېغىننىڭ ئاخىرىدا، ۋاسلاۋ خاۋەلگە دېموكراتىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا غەلىبە قىلىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇكاپاتى بېرىلدى. (قانات)