رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى


2007.05.30

MIT-rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم photo by UAA

رابىيە قادىر خانىم " ۋال سىترىت ژورنىلى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ ": ھېچقانداق دەرت -ئەلەم، بالىلىرى كۆز ئالدىدا ئازاپ-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان بىر ئانىنىڭ دەرت-ئەلىمىدىن ئېغىر بولمىسا كېرەك.. بۇ ئازاپ-ئوقۇبەت، بىر ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا قارشى چىققانلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ".

خىتاي رابىيە قادىر خانىمغا "ئاگاھلاندۇرۇش" بەرگەن

خىتاي دائىرىلىرى مىنى 2005‏- يىلى، بەش يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەندە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئائىلەمنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، دەيدۇ، رابىيە قادىر " ۋال ستىرىت ژۇرنىلى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا " دەرۋەقە، ئۇلار ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خىتاي دائىرىلىرى ئائىلەمگە داۋاملىق بېسىم قىلماقتا. بالىلىرىمنى تۇتۇپ، قېيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىماقتا. بالام ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئىنىسى ئالىمغا ئوخشاش تۈرمىگە تاشلاندى. خىتاي سوتى ئابلىكىمنى " خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقان ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتكە قاتناشقان" دەپ ئەيىبلەپ، توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

خانىمنىڭ بالىسى ئابلىكىم، "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت" سالغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان

دەرۋەقە، ئابلىكىمنىڭ توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 10 مىليون ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشقان ئۇيغۇرلارنىمۇ تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن ۋە قۇدرەتلىك قولى قوشنا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ياشىشىغا يول قويمايۋاتىدۇ ۋە خىتاي جاسۇسلىرى ھەتتا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىئارام قىلماقتا.

ئابلىكىمنىڭ تۇتۇلۇشى، سوتقا تارتىلىشى ۋە 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى پۈتۈنلەي خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. مىنىڭ بالامنىڭ ئادۋوكاتى بولۇشى كېرەك ئىدى. بالام ئوچۇق سوت قىلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئائىلەمدىن ھېچقانداق كىشىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بەرمىدى. ھەتتا سوت بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرمۇ بەرمىدى. ئابلىكىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئېلپ بېرىلغان بىر نەچچە قېتىملىق ھەرىكەت نەتىجىسىز قالدى.

مىنىڭ ئائىلەم، دەيدۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان " ۋال سترىت ژورنىلى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاي كومپارتىيىسى " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت" دەپ ئاتالغان مۇجمەل ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پەقەتلا بىرى. مىنىڭ ئوغلۇم ئابلىكىم سوتلانغان ھەپتە ۋە يەنە ئۇ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سوتتا، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل "تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان" ۋە " دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان" دەپ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لېكىن ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن جىنايەتنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئىنكار قىلىپ ۋە كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلماي، خەلقئارا قانۇن-قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلدى.

خىتاي، "پەقەت خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا دۇنيادا ئېتىبارلىق بىر دۆلەت بولالايدۇ"

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ 2008‏- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى يېقىنلاشقانسىرى، خىتاي رەھبەرلىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قانۇن ھاكىمىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى يىڭى ۋە تەرەققىي تاپقان خىتاينىڭ ئاساسلىق پرىنسپلىرىنىڭ بىرى دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىمەكتە. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، قانۇنلارغا ئاساسەن خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

لېكىن قانۇن ھاكىمىيىتى خىتايدا ھېلىمۇ يات بىر ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. ئۆز خەلقىنى ئاسارەت ئاستىدا تۇتۇش ۋە ئۇلارنى قانۇنىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بېيجىڭدىكى خىتاي سىياسىي رەھبەرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئاڭلاشنى خالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قانۇننى خالىغانچە دەپسەندە قىلماقتا. دۇنيا جامائەتچىلىكى بولسا، كۆپرەك خىتاي سياسەتچىلىرىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ئىچىنشلىق ۋەزىيىتىگە سەل قارىماقتا.

خىتاي، دەيدۇ رابىيە قادىر خانىم " ۋال سىترىت ژورنىلى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، پەقەت خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا دۇنيادا ئېتىبارلىق بىر دۆلەت بولالايدۇ. ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى خالىسا، مېنىڭ ئىككى بالامنى ۋە ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىش ياخشى بىر باشلىنىش بولالايدۇ. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.