رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلىمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ؟


2007.06.08

Rabiye-Bush-Rushen-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى Photos are courtesy of UAA / Rushan

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 6 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى پراگادا قىلغان سۆزىدە رابىيە خانىمغا 'ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى' دەپ باھا بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە خانىمنى 'جىنايەتچى' دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ قايسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن؟ بۇ ھەقتە دېموكراتىك جۇڭگو فرونتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 4 ‏- ئىيون ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ھازىر كانادا دا تۇرۇۋاتقان مەشھۇر ئايال يازغۇچى شېڭشۆ خانىم ئوبزور ئېلان قىلدى.

جورج بۇشنىڭ رابىيە خانىمغا بەرگەن باھاسى توغرا باھا

‏-‏-‏- مەن بۇلتۇر 9 ‏- ئايدا ۋاشىنگتوندا، 12 ‏- ئايدا تورانتودا رابىيە خانىم بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن ۋە چوڭقۇرلاپ سۆزلەشكەن، ‏-‏-‏- دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ شېنشۆ خانىم، ‏-‏-‏- رابىيە خانىم ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.

مەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ رابىيە خانىمغا بەرگەن باھاسىنى توغرا باھا دەپ قارايمەن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن 'مۇنەۋۋەر كارخانىچى' ... دەپ مەدىھىيىلىگەن رابىيە خانىم ئۆزى شۇغۇ؟

‏-‏-‏- خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى 'جىنايەتچى' دەپ ئاتىشى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ سىرتىدا ئەمەس،‏-‏-‏- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ مەشھۇر يازغۇچى شېنشۆ خانىم، ‏-‏-‏- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئەگەشمىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئاغزىغا كەلگەن بەتنام بىلەن ئاتايدۇ.

ھازىر چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان رابىيە خانىم، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇنەۋۋەر كارخانىچى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى دەپ ماختىغان، مەدىھىيىلىگەن رابىيە خانىم ئۆزى شۇغۇ؟ ئەمدى ئۇ خەلقئاراغا تۇنۇلغاندا بەتنام چاپلامدىكەن؟

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ھازىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى

Rabiye-JoeLiberman--200.jpg
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇشان ئابباس، ئامەرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جو لىبېرمەن بىلەن بىرگە. Photos are courtesy of UAA / Rushan

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ پراگادا رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، يۇقىرى باھا بېرىپ تەقدىرلىگەنلىكى،‏-‏-‏- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ شېنشۆ خانىم، ‏-‏-‏- بۇ ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رابىيە خانىمدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ئوبراز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسىگە ۋە ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ئوبراز ئارقىلىق قوبۇل قىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

رېئال ئەھۋال شۇكى، ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئېزىشى، كەمسىتىشى، ۋە باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى دۇنيا ئاڭلىتىدىغان رابىيە خانىمدەك بۇنداق مۇنەۋۋەر ۋەكىلى كام بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر قولىدا زوراۋانلىق ، يەنە بىر قولىدا يالغانچىلىق بار

‏-‏-‏-‏- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلقنى ئىككى قولى بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ،‏-‏-‏- دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ مەشھۇر يازغۇچى شېنشۆ خانىم، ‏-‏-‏- ئۇنىڭ بىر قولىدا زوراۋانلىق ، يەنە بىر قولىدا يالغانچىلىق بار.

زوراۋانلىق كېرەككە كەلمىسە يالغانچىلىقنى قوللىنىدۇ، يالغانچىلىق ئاقمىسا زوراۋانلىقنى قوللىنىدۇ. رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى ھەر بىر پائالىيىتى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن رىقابەت، چۇچۇتىش، تەھدىت. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرماي مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى بىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر رابىيە خانىمغىمۇ ئىككى قوللۇق كونا ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ‏-‏-‏- دەيدۇ شېنشۆ خانىم ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا، ‏-‏-‏- خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ مەسىلىدە مۇرەككەپ زىددىيەت ئىچىدە قالدى. زامانىمىزدا زوراۋانلىق ياكى يالغانچىلىقنىڭ ھېچقايسى ئاقمايدۇ. ئۇچۇرلارنى توساپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.