ئىراقتىكى تۈركمەن گېزىتى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
2007.09.04
ئىراقتا نەشىردىن چىقىۋاتقان "تۈركمەن تايمىس گېزىتى" نىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سانىدا " رابىيە قادىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۈلى" تېمىسىدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىنى ئىراقتا تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى دىيار ئەل خەرمەزى ئەپەندى يازغان بولۇپ، ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى، ئائىلىسى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن دۇنيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بەرگەن.
بۇ ماقالىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان نۇقتا شۇكى، تۈركىي مىللەت ئاياللىرىنىڭ تارىختا نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنى يېتىشتۈرگەنلىكى، تۈركىستانلىق داڭلىق ھەدىسشۇناس بۇخارىنى ئانىسىنىڭ يېتىشتۈرگەنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بولسا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، بۇ ماقالە ۋە ئەرەب مەتبۇئاتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇغان جۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا باھا
- تۈركىيە مەتبۇئاتى: بىر مىللەت كۆز يېشى تۆكمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بېشارىتىنى بەردى
- ئىستانبۇلدا مىللى قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش يىغىنى ئېچىلدى
- د ئۇ ق نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
- د ۇ ق 2- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
- "بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (3)
- رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدىكى قاراشلار
- گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم
- رابىيە قادىر خانىم "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا