"دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرى" ئارىسىدا رابىيە قادىر خانىم
2007.09.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئاۋىسترىيە مەتبۇئاتلىرى ھەم t v قاناللىرىدا مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن. بولۇپمۇ، 6 - ئايدا "گۈلدۈرماما" ناملىق تەرجىمىھال ئەسىرىنىڭ نەشردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيە ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كوچا ئېلان تاختىلىرىدا دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرى قاتارىدا رەسىملىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.
يەتتە نەپەر مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئارىسىدا رابىيە قادىر خانىم
كوچا ئېلان تاختىلىرىغا بېرىلگەن رەسىملىك بۇ تەشۋىقاتنىڭ باش تېمىسى "دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرى" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئېلانغا رابىيە قادىر خانىم، پابلو ئەپەندى، ۋېي جىڭشىڭ، مۇنىرا راھمان، ئەرەن كەسكىن، ئېرىنا، سچۋېتلانا قاتارلىق دۇنيادىكى يەتتە نەپەر مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى ئېلاننىڭ ئەڭ بېشىغا باشقا رەسىملەردىن بىر ھەسسە چوڭ شەكىلدە بېرىلگەن بولۇپ، ئاستىغا " رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان" دېگەن ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئېلانلار ھەققىدە د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە خانىمنى قوللاۋاتقان بىر ئورگان
بۇ ئېلانلار خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئېلاننىڭ باش قىسمىغا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان شوئارلار يېزىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1مىليون 800مىڭ ئەزاسى بولغان، دۇنيادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى، پائالىيەتلىرى ئەڭ جانلىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھازىرلىغان دوكلاتلار ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان دەستۇرى ۋە بىرىنچى قول ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىنىشىغا زور كۈچ چىقىرىپلا قالماستىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان ئاكتىپ بىر ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان ھېسداشلىق كۈچىيىدۇ
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى " دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرى"نى ئېلان تاختىلىرىدا تەشۋىق قىلىشىدىكى مەقسىدى، بىر تەرەپتىن دۇنيا جامائىتىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئۈچىنچى تەرەپتىن بولسا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى جامائەت كۈچى ھازىرلاشتىن ئىبارەت بولغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بىر تەشكىلات. 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىر يىل قالغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلىۋاتقان، خىتاينىڭ ساختا، زەھەرلىك تاۋارلىرىغا قارشى نەپرەت پۈتۈن ياۋرۇپا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر چاغدا، بۇ تەشۋىقاتنىڭ گېرمانىيىدىكى ئېلان تاختىلىرىدىن جاي ئېلىشى، خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىشىگە ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان ھېسداشلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولىدىكەن. (ئەكرەم )
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى تۈركمەن گېزىتى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بېشارىتىنى بەردى
- د ئۇ ق نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
- د ۇ ق 2- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
- دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر ھامبۇرگدا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ۋە دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى
- رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدىكى قاراشلار
- رابىيە قادىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا
- گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر ھەققىدىكى كىتابتىن شادلاندى
- رابىيە قادىر خانىم "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى
- گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا