رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى پائالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېلگىيىگە يېتىپ باردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، سەيشەنبە كۈنى بېلگىيىگە يېتىپ باردى. رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ئەپەندى، رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك بېلگىيىدە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتلار ئاڭلاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.