خىتاي دائىرىلىرى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ قارمىقىدا "رابىيە قادىر ئىشخانىسى" تەسىس قىلدى


2005.08.29

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدىكى ئەقىدە شىركىتى ۋە رابىيە قادىر سودا سارىيىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىدا "رابىيە قادىر ئىشخانىسى" تەسىس قىلغان.

307 - نومۇرلۇق ئىشخانا، دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئورگان، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەقىدە سودا شىركەتلەر گۇرۇھى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ توختامنامە، باج قەغىزى ۋە ھۆججەتلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.