ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، رابىيە قادىر سودا سارىيىنى 2006- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتى خەۋپى ساقلانغان "قارا" تېزىملىككە كىرگۈزۈپ، مەزكۇر سودا سارىيىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ دەھشەتلىك بىر شەكىلگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ رابىيە قادىر سودا - سارىيىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش بۇيرۇقى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقەمۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتىقام ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكىتىمۇ؟
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات گېرمانىيىدە زىيارەتتە بوئىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدى.