خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
2006.04.25
بىز 21- ئاپرىل كۈنى يۇرتۇم تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئارقىلىق 20 - ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جەمئىيەتكە ئۈرۈمچىدىكى ئېغىر ئوت ئاپىتى خەۋپى ساقلانغان ئورۇنلار قارا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە بۇ قارا تىزىملىككە رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭمۇ كىرگۈزۈلۈپ، ئىشلىتىشتىن توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئىدۇق. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە خىتايچە تور بەتلەردىمۇ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلار
شىنخۇئا تور بېتىنىڭ 21 - ئاپرىلدىكى تەپسىلى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قارا تىزىملىكىگە رابىيە قادىر سودا سارىيى قاتارلىق توققۇز ئورۇن كىرگۈزۈلگەن. ئەمما قارار تىزىملىككە چۈشكەن رابىيە قادىر سودا سارىيى ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ "رابىيە قادىر سودا سارىيى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى ساقلىنىۋاتقان ئورۇن تىزىملىكىگە چۈشۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۈچ يىل بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى " ئىشلىتىشتىن توختىتىش" بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ ھەمدە بۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلتىماسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يوللىدى" دېيىلگەن.
مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا ھەمدە نارازىلىقلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا، شۇنداقلا ئۇلار ئەگەر رابىيە قادىر سودا سارىيى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىلىپ قالسا بۇ سودا ساراي ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاۋابى
بۇ سەۋەبتىن بىز ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشكەن رابىيە قادىر سودا سارىيىغا قانداق تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ھەم كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
ئالدى بىلەن قارا تىزىملىكنى ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى سورىدۇق. بىر خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، "رابىيە قادىر سودا سارىيىدا ئوت كېتىش خەۋپى مەسىلىلىرى ساقلىنىۋاتقانلىقىغا ئۈچ -تۆت يىللار بولدى، شۇڭا قارار تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سىلەرگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب بېرەلمەيمەن" دېدى.
بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار يوقلىقىنى سورىدۇق، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن" جەمئىيەتتىكى بۇ يالغان گەپلەرگە ئىشەنمەڭلار، ئۇنى تاقايدىغان گەپ يوق" دېدى. يەرلىكلەرنىڭ ئىنكاسى
رابىيە قادىر سودا سارىيىغا يېقىن جايدىكى بىر دۇكاننىڭ دۇكاندارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۆت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى قارا تىزىملىكنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرىلا مەھەللە كومىتېتىدا يىغىن ئېچىپ رابىيە قادىر سودا سارىيىدا مەسىلە ئېغىر دەپ بىلدۈرگەن ئىكەن.
بىز يەنە قارا تىزىملىك ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىغا قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقتۇرۇش قىلغان قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن،رابىيە قادىرخانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىزى روشەنگۈلگە بىۋاستە تېلېفون قىلدۇق. روشەنگۈل سولاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە سودا سارىيىنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات ئالمىغانلىقىنى، ئەگەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشىلانمىسا شۇنداق قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى تاقىماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە قىلماقچى؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى" كۈنى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوغلىنى سولىۋالدى
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى خادىمنى قويۇپ بەردى
- خىتاي دائىرىلىرى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ قارمىقىدا "رابىيە قادىر ئىشخانىسى" تەسىس قىلدى
- رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- رابىيە قادىرنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇلدى