ۋەتەندىن خەت: "رابىيە قادىر بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ھەم يولباشچىمىز "


2008.03.24

Rabiye1stday-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم. RFA Photo

بۇ يىل 13 - مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى دەپ بايانات بەرگەن ئىدى. مەزكۇر بايانات ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. بۇغدا ئاتا تەخەللۇسى بىلەن رادىئومىزغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان بىر ئۇيغۇر، چىن گاڭنىڭ باياناتىنى ئىنكار قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ھەم رەھبىرى دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" چىن گاڭنىڭ باياناتى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ"

ئوچۇق مەكتۇپنى بىر گۇرۇپپا دوستلىرى بىرلىكتە يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇغدا ئاتا سۆزىنى مۇنداق باشلىغان : " چىن گاڭ قايسى بىر ئۇيغۇرنىڭ رايىنى سىناپ بېقىپتۇ، ئۇ قايسىبىر ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بېقىپتۇ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قايسى بىر پارچىسىنى كۆرۈپ بېقىپتۇ؟‏ - ئاپتور، مەكتۇبىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان،‏ - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلىنى بېيجىڭدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدۇ، تېخىمۇ توغرىسى، ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلىنى بېيجىڭ كۆرسەتمەسلىكى كېرەك، ئۇيغۇر خەلقى كۆرسىتىشى كېرەك."

بۇغدا ئاتا ئوچۇق مەكتۇبىدا، بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق سورۇنلىرىدا، يەنى توي - تۆكۈنلەردە، نەزىر - چىراقلاردا، رېستورانلاردا، ئىشخانىلاردا، يەنى ئۇيغۇرلار جەم بولغانلا يەردە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە گەپ بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مىللىتى ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق يازغان: " رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مىليونېرلىق ئورنىدىن ۋاز كەچتى، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىنلاردا، خەتەرگە پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى، ھۆكۈمەتنى ئاشكارا تەنقىد قىلدى. ئۆزى 6 يىل تۈرمىدە ياتتى، يۈرەك پارىسى بولغان ئىككى ئوغلى تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلار بىلەن ئۆزىنى سېتىپ خەجلەۋاتقانلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. چىن گاڭنىڭ باياناتى پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. "

" رابىيە قادىر باش ئەگمىدى"

بۇغدا ئاتا ئوچۇق مەكتۇبىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇلتۇر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكىنىنىڭ، دەسلەپ ئۈرۈمچىدە كوچا خەۋىرى بولۇپ تارقالغانلىقىنى، ئارقىدىن شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىگە بېسىلغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلغانلىقىنى، ئادەتتە 1 يۈەندىن سېتىلىپ بولالمايدىغان مەزكۇر گېزىتنىڭ شۇ كۈنى دۆڭكۆۋرۈكتە باھاسىنىڭ 20 يۈەنگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " مانا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سەزگۈرلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ دەپ يازغان .

ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزغا قىززىق لىنىيە ئارقىلىق تېلېفون ئېچىپ، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان ئىدى: "11 بالىسى بار بىر خانىم بۈگۈن ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ. ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. رابىيە قادىر ئىككى بالىسىنى تۈرمىگە سولىۋالسىمۇ باش ئەگمىدى، ئۇنىڭ جاسارىتىگە مەن قايىل" . ئۇ يەنە، نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دەپ كۆتۈرۈپ چىققان نۇر بەكرى قاتارلىق كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: " ئۇلار يوغان ئادەملەر ئەمەس، جان باقار ئادەملەر. شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن مىللىتىمىز مۇشۇ كۈنگە قېلىۋاتىدۇ"

رادىئومىزغا بۇغدا ئاتا نامىدا يەتكۈزۈلگەن ئوچۇق مەكتۇپ مۇنداق ئاخىرلاشقان: " ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋەكىللىرىنى، رەھبىرىنى سايلاش ھوقۇقىدىنلا ئەمەس، ئۇنى تىلغا ئېلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم ياشاۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەكتۇپنى يېزىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەكتۇبىمىزنى ئىمزاسىز يېزىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىز دۇنياغا شۇنى بىلدۈرمەكچىمىزكى: رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەشلىرىدە تاۋلانغان، سىناقلىرىدىن ئۆتكەن؛ نامىغا، شان - شەرىپىگە شەك كەلتۈرەلمەس مىللىي رەھبىرىمىزدۇر." ( شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.