ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادا نەتىجىلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا گېرمانىيىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېلگىيە ھەمدە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، مەزكۈر دۆلەتلەردە ئۇيغۇر داۋاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.30

 ئىگىلىشىمىزچە ، رابىيە قادىر خانىم 20 ‏- ئىيۇلدىن 28 ‏- ئىيۇلغىچە ياۋروپادىكى بۇ ئۈچ دۆلەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ 8 كۈن جەريانىدا ھەتتا كىرپىك قاقماي كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تولۇق مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.